مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 - تومىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.10.08 09:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 - تومىنىڭ فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، گېرمانچە، ياپونچە ۋە جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىدىن ئىبارەت سەككىز خىل نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 - تومىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقىي يوليورۇقى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 92 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى سۈرىتىدىن 41 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 19 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئەقىل - پاراسەت لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 - تومىنىڭ جۇڭگو يېزىقى نۇسخىسى، ئىنگلىز يېزىقى نۇسخىسى 2020 - يىلى 6 - ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ ۋە كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ھۆججەت - ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 - تومىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى چەت ئەللەردىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى سىستېمىلىق چۈشىنىشى، ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ