شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
لى كېچياڭ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2021.10.08 09:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنى بىرلا سۇ ئايرىپ تۇرىدۇ، جۇڭگو - ياپونىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە ئورنىتىلغان تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سۆزلىشىش - پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ سىياسىي ئورتاق تونۇشنى قوغداپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىلى جۇڭگو - ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ