شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيىغا بېغىشلاپ سىنلىق سۆز قىلدى

2021.10.08 09:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيىغا بېغىشلاپ سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، كەلگۈسىنى يارىتىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىدىيەسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىشى، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا مېڭىش كېرەك؟ جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، دەۋر چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  2020 - يىللىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى ئېچىلدى، دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيىمۇ ئوخشاش بىر كۈندە ئېچىلدى. جۇڭگو سارىيىنىڭ باش تېمىسى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇرسەت» بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى جەھەتتىكى ئىزدىنىشى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، زامانىۋى قاتناش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاقىل تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ