مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

2021.10.08 09:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

  قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 19 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىزىل بايلىق پارتىيەمىزنىڭ جاپالىق، شۇنداقلا شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ دەلىلى، ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. قىزىل تومۇر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى كۈچ مەنبەسى. بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى مەنزىلگە نەزەر سالساق، بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ قولىغا ئالغان قىزىل ھاكىمىيەتنى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ. بىز پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۈزلۈكسىز ھېس قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ روھ ئارقىلىق ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەلەپچان بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر بىر لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ