مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 33 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.10.08 09:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 33 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەت ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دۇنيا ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەتتا ئۇنى قايتا بەرپا قىلىدىغان مۇھىم كۈچ. يېڭى ۋەزىيەتتە بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

  جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ۋۇ كۇڭمىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىك تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، بىيولوگىيە بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ئەنئەنىۋى بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بىلەن يېڭى تىپتىكى بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، چېگرا سىرتى بىيولوگىيە تەھدىتى بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى بىيولوگىيە خەۋپ ـ خەتىرى گىرەلىشىپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىدە نۇرغۇن يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يەنە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر مەۋجۇت. جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دۇچ كەلگەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى ئىگىلەپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقات ۋە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇن ـ نىزام سىستېمىسى ۋە تۈزۈم كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇن ـ نىزاملىرى ۋە بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بىلىملىرى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش ۋە پۈتۈن زەنجىرلىك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي تەدبىر يۈرگۈزۈش، بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىت ـ نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ئۇچنى بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن تارقالغان، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل، ئېغىر، زور ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمى، مىكرو جانلىقلارنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى، بىيولوگىيە تېخنىكىسى مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەۋپ ـ خەتەر ئامىللىرىنى تېز ھېس قىلىپ ۋە پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر تاقابىل تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېغىر، زور بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئىقتىدار زاپىسىنى كۈچەيتىپ، ھەم ماددىي بۇيۇملارنى زاپاس ساقلاش، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زاپاس ساقلاش كېرەك. ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەلنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەلنىڭ تارقىلىش يولىنى مەنبەسىدىن، ئالدى ئۇچىدىن توسۇپ ئۈزۈۋېتىش كېرەك. مەۋقەنى تېخىمۇ دەل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپپاراتلارنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىدە نۇقتىلىق خەۋپ ـ خەتەر كۆرۈلىدىغان ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىيولوگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىيولوگىيە بايلىقى ۋە ئىنسانلار ئېرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرادىن كىرىشنى كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى تەھلىل قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا دۆلەت دەرۋازىسى ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. تارقالغان ھەم ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىنىڭ تېگى ـ تەكتىنى ئېنىقلاپ، «بىر خىلغا بىر تەدبىر» قوللىنىپ، دەل جايىدا تۈزەپ، ئۈنۈملۈك يوقىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى كېسەللىك مەنبەسى مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەجرىبە ئەۋرىشكىسى، تەجرىبە ھايۋانلىرى، تەجرىبە پائالىيىتى تاشلاندۇقلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. مىكرو ئورگانىزملارغا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش ۋە قالدۇقلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىيولوگىيە پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى بەرپا قىلىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىيولوگىيە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئېتىكا جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە ئالىملار ئەخلاق تەربىيەسىنى چىڭىتىش كېرەك. بىيولوگىيە تېخنىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم ـ پەنگە ھۆرمەت قىلىش، قاتتىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بىيولوگىيەلىك نەسىل يېتىشتۈرۈش، بىيولوگىيەلىك دورا ياساش قاتارلىق ساھەلەردە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ئىدىيەنى زامانىۋى بىيولوگىيە تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىپ، بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تېخنىكىسى ۋە ئەندىزىسىنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ماس قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارىۋى بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى سىياسىتىنى تۈزۈش، خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوش، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، «2020 ـ يىلىدىن كېيىنكى يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش، دۇنيانى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىلمىي پىرىنسىپ بويىچە، ئىلمىي قائىدە بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە، سىجىل كۈچەشكە، پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا نەتىجە ـ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ