ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2021.10.08 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغۋار روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ

  ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  ​شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

  ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» دېگەن خەت يېزىلغان غايەت زور گۈل سېۋىتى دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، گۈل سېۋىتىدىكى «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزەيلى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شىمال تەرەپتىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخارگۈلى، كاڭنەيشىن قاتارلىق گۈللەردىن ياساپ چىقىلغان 18 گۈلچەمبىرەككە بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

  سائەت 10غا يېقىنلاشقاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى بۇرغىسى»نى چالدى، ياڭراق مۇزىكا ئاۋازى تىللاردا داستان بولغۇدەك قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بايان قىلماقتا ئىدى.

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى.

  «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ 60 ھۆرمەت قاراۋۇلى مەردانە، مەزمۇت قەدەم ئېلىپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

  دەل سائەت 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى.

  دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈرلەر، بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

  چاسا سەپنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز چوڭ گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى، گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

  ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى سىلىق كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى. پورەكلەپ ئېچىلغان بەيخې گۈلى، ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ گۈلى، چىرايلىق ۋېنشىنلەن گۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئايلىنىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدى. بۈگۈن، بىز غەيرەت - شىجائىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز.

  ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىمۇ رەت بويىچە خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى گۈلنى تەقدىم قىلدى ھەم خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، بىر قىسىم دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە -گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لىققا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ