مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيىغا بېغىشلانغان سۆز

2021.10.08 09:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​(2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى)

  ​جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو سارىيىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمەن!

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، كەلگۈسىنى يارىتىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىدىيەسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىشى، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر خىرىسقا تولغان، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا مېڭىش كېرەك؟ جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، دەۋر چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەر شارى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  جۇڭگو سارىيى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇرسەت»نى باش تېما قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى جەھەتتىكى ئىزدىنىشى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، زامانىۋى قاتناش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاقىل تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ