باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات − سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالىي مۇھەررىر ما شيۇڭفۇنىڭ خەلق داستانلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

2015.11.27 14:43   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات − سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالىي مۇھەررىر ما شيۇڭفۇنىڭ خەلق داستانلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داستان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، نەغمە ‐ ناۋا، ئويۇن كۆرسىتىشنى بىر گەۋدە قىلغان خەلق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىيات-سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى بولۇپ ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق مەدەنىيىتىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىدۇر. داستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېغىز سەنئتىدۇر. تارىختىكى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە ۋارىسلىق قىلىش شەكلىنى بەلگىلىگەن يەنى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ داۋانلىشىش شەكلىدۇر. داستاننىڭ تېمىسى چوڭ، مەزمۇنى كەڭ، ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، قۇرۇلمىسى ئەپچىللىك بىلەن لايىھىلەنگەن، تىلى ئىخچام، مۇزىكىسى يېقىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىكىلى بار. ئۇ ناخشا ئېيتىش داۋامىدا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. داستان ئەمگەكچى خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل _ پاراسىتى ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى شۇنداقلا تىل باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مەسىلەن، قەھرىمانلىق ئېپوسى«ماناس»،« جاڭغىر» ، « گېسار » جۇڭگونىڭ ئۈچ چوڭ تارىخى داستانى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇيغۇر تارىخىي داستانى« ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەت» ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقالغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنى، ئەپسانىلىك تۈسىنى ئالغان ئەدەبىي ئىپادىلەش كۈچى ئارقىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەدەبىيات ھەۋەسكارىلىرىغا تەسىر قىلغان. شۇڭا داستاننى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى دېيىشكە بولىدۇ. مىللەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، فولكلورىستىكا، دىن ئىلمى قاتارلىق كۆپ خىل پـەنلەردە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، لېكىن بۇ مۇنەۋۋەر خەلق مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، رايون مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا، ھەر مىللەت ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت تونۇشىنى كۈچەيتىشتە، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشتۈرۈشتە، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇيغۇر داستانى ھازىر يەنىلا ئاكتىپ ھالەتتە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئېپوس بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر بارلا يەردە خەلق داستانىنىڭ تارقىلىشى بار. ئۇيغۇر داستانىدا كۆپىنچىسى ئىپىك ئەسەرلەر بىلەن شېئىرىي ئەسەر بىرلەشتۈرۈلگەن . ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان داستانمۇ بار، يەنە پۈتۈنلەي نەسرى تىل ئارقىلىق بايان قىلىنغان داستانمۇ بار.

  ئۇيغۇر داستان مۇزىكىلىرى يېقىملىق. مەسىلەن، مۇھەببەت داستانى«غېرىب-سەنەم»نىڭ ئىچىدە 11 خىل ئاھاڭ بار. نۇرغۇن خەلق داستانلىرىدا تۆت-بەش خىل ئاھاڭ بار. ئوخشاش بىر پارچە داستان شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىمىدا تارقالغان، تېكىست ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن مۇزىكا ئاھاڭىدا خېلى زور پەرق مەۋجۇت. بۇ خىل ئالاھىدە خەلق سەنئەت تۈرىنى داستانچىلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغان.

  شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت مىللىي داستانچىلىقنى قوغداشتىكى مەسئۇل ئورۇن بولۇپ، يېقىندىن بېرى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر داستانىغا قارىتا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى خىراجەت جەھەتتە كاپالەت قىلغاچقا، بىز ھەر يىلى كەسپىي خادىملارنى يېزىلارغا ئەۋەتىپ ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز، ھازىر 60 قىسىمدىن ئارتۇق داستاننى رەتلەپ«شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى»نىڭ نەشر قىلىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ بولدۇق؛ ئۇدا ئۈچ يىل قەرەلسىز ھالدا« ئۇيغۇر داستانىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار كۇرسى»ئېچىلدى بۇنىڭلىق بىلەن داستاننىڭ ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ داستانچىلارنىڭ كەسپىي ئارخىپىنى قۇرۇپ؛ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى داستانچىلار ئۈچۈن پىكىرلىشىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ياخشى بىر سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…