خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پېڭ چاۋ ئالتە يېشىدا توك سوقۇۋەتكەنلىكتىن بىر جۈپ بېلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەمما قىيىنچىلىق ئۇنى يىقىتالمىغان، ئۇ پۇتى بىلەن كىيىم كېيىشنى، خەت يېزىشنى، تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن... بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىغا قاتناشقان، گەرچە ئۇ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئىمتىھان ۋاقتىنى 45 مىنۇت كەينىگە سۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ پۇتى بىلەن خەت يېزىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ 603 نومۇرغا ئېرىشكەن! نەتىجىسى تولۇق كورس بىرىنچى تۈركۈم نۇمۇر سىزىقىدىن ئاشقان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى