باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالى (Android نۇسخىسى) ئېلان قىلىندى

2015.06.24 10:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىدىن كېيىن يەنە مەخسۇس يانفوندا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

  شېنياڭ يايى تور تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ شياۋنيۇ تەرجىمە ماتورى (NiuTrans)، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جيېتۇڭ خۇاشېڭ شىركىتى بىرلىكتە قۇرغان لىڭيۈن سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات مەركىزىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مول تىل ماتېرىيال ئامبىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئاۋاز كىرگۈزۈش، ئوقۇش، ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنى قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە «بېيجىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى» دېسەك، قىسقىغىنە پەرقلەندۈرۈش باسقۇچىدىن كېيىن، دېتال «北京是祖国的首都» دېگەن خەتنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە پۇتۇڭخۇادا ئوقۇپ بېرىدۇ؛ پۇتۇڭخۇادا «新疆在祖国的西部» دېسەك، قىسقىغىنە پەرقلەندۈرۈش باسقۇچىدىن كېيىن، «شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدە» دېگەن خەتنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىدۇ.

  ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)، ئابونتلار يانفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ھەپتە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ كادىرلار: «يانفونغا ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچىنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنەلەيدىغان بولدۇق،ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىز ئۆستى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمىز ئاشتى، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن پاراڭلىشىشىمىزمۇ كۆپ قولاي بولۇپ كەتتى» دېيىشتى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە: «بۇ دېتال ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىغا ئالاقە كۆۋرۈكى سالدى. بۇ دېتال ئاددىي، قوللىنىشچان، قولاي ۋە تېز ئىكەن، سودا-تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىش-ئوقىتى روناق تېپىپ، كىرىمى ئاشتى» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.

  كېيىنكى قەدەمدە، تەرجىمە ئىدارىسى مەزكۇر دېتالنىڭ IOS(ئالما) نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كۈندىلىك ئاغزاكىي دېيالوگ ۋە ئۇيغۇرچە ئالاھىدە گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى قوشۇپ تولۇقلاش ئارقىلىق، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى قەدەممۇقەدەم ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە مەركىزى

  2015-يىل 23-ئىيۇن

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر