باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشنى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش كېرەك

2015.06.24 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى)مەلىكەم):ئاتا-ئانىسى باشقا جايدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغقان يوقلاش تەمىناتى توغرىسىدا تۈزۈم چىقارغان. توي قىلمىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش دەم ئېلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 45 كۈن ئىكەن. لېكىن مۇخبىر يېقىندا تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ 1981 - يىلى يولغا قويۇلغان « نامدا بار ئەمەلدە يوق» تۈزۈم بولۇپ، نۇرغۇن كىشى«ئاڭلاپ باقمىغان»ئىكەن.

  تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىش تۈزۈمى، پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىن باشلانغان، چۈنكى ئەينى چاغدا دۆلەت خىزمەت تەقسىم قىلىدىغان بولۇپ، ئەمگەكچىلەر بەزىدە ئامالسىزلىقتىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلاتى، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىش ھەقىقەتەن مۇۋاپىقلىق ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى بار، ئاممىۋى دەم ئېلىش ۋاقتى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىمۇ بەرپا قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئايروپىلاننىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن تۇغقان يوقلاشمۇ ئاسانلاشقان. تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

  تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغاندا ئادىللىق بولمايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ياشلار ياقا يۇرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئاممىۋى دەم ئېلىش ۋاقتىدا تېخى بېلەت ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇرتىغا قايتىشتا قىينىلىۋاتىدۇ. شۇڭا تۇغقان يوقلايدىغانغا مەخسۇس دەم ئېلىش بېرىلسە، يىراقتىكى ئاتا–ئانىسىنى يوقلىيالىسا، ئائىلە مېھىرىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بولغان بولاتتى.

  كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىدىكى باراۋەرسىزلىككە نارازى. پەقەت ئاز ساندىكى مەمۇرىي ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى خادىملار تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى پۇقراۋىي كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەر بۇ پاراۋانلىقدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.تۈزۈم مۇقەررەر ھالدا ھەممە ئادەمگە ئادىل بولۇشى كېرەك، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇڭا، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشنى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  كارخانىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىش، ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنىڭ كۆپىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭغا بەلكىم كارخانىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى تۇغقان يوقلاش رۇخسىتىنىڭ كونكرېت لايىھەسى رېئاللىقتىن خېلىلا يىراقلىشىپ كەتكەن. ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 45 كۈنلىك دەم ئېلىش، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە بۇنداق ئۇزاق رۇخسەت بېرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

  شۇڭا، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن تۇغقان يوقلاش تۈزۈمىدە كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەڭ ئۇزاق بولغاندا نەچچە ئون كۈنلۈك تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش تەسكە توختايدۇ شۇڭا كۈن سانىنى ئازايتىشى، ھەمدە ئۇنى يىللىق دەم ئېلىش بىلەن ياكى ئاممىۋى دەم ئېلىش بىلەن ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقان يوقلىشىنى يېتەرلىك ۋاقت بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى كونكرېت قانداق ئىسلاھ قىلىشنى، يەنە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشىمىز زۆرۈر. تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشنى ساقلاپ قېلىش قالماسلىقى توغرىسىدا ، مەسئۇل تارماقلار خەلق رايىنىڭ ئىنكاسىغا بالدۇرراق جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر