باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كروران (داستان)(1)

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

1. كرورانغا كىرىش

بوۋام مىراسىدىن ئۇمۇنۇپ كۆزۈم
تارىخ قازنىقىغا ئالغىنىدا پۇت،
ئۆرۈلدى كالىندار تەتۈرىسىگە
قارىچۇقۇمدىن ياشنى تالاشتى ئىس-دۇت؛
مەدرىس تەكچىلىرىدا ئۆمۈچۈك تورى،
غېرىبلىق ھەسرىتىمگە تەڭلىدى ئوغۇت.
نە موزېي، ئالدىمغا كەلگەن مۇڭ تۆكۈپ،
كەچمىش غارلىرىدا قىشلىغان چۆل، جۇت.
ياندىم قوللىرىمدە بىر قۇچاق چىگىش،
مەن شۇتاپ يىلتىزسىز، مەشئەلسىز بۇلۇت.
يىقىلىۋاتسام مەيۈسلۈككە جىم
كەچمىشنىڭ ئوڭ كۆزى يورۇپ لاپپىدە
ئېچىلدى بىر ئىشىك ماڭا ئۇشتۇمتۇت:
تۇراتتى قوللىرىدىن كۆكلىتىپ چاۋاك
خارابە، مەڭگۈ تاش، كومزەك، سېپىل، بۇت؛
ئېدىل ــ ئورخۇن ئارا ئاققان تونۇش ئىز،
بالغاسۇن، كروران، يارغول، ئىدىقۇت؛
بىر غولنىڭ شېخىدەك تۇغقان قوۋملار،
گاھ شەربەت تەڭلەشكەن، گاھىدا ئۇمۇت؛
توخرىلار جان لۇغىتى تۈزەر ئېتىزدا،
قارۇشتى يېزىقىدىن مارلار قەدىم قۇت؛
يۈرۈشەر كەلكۈندەك ئات چاپتۇرۇپ ھۇن،
سوغداقلار ـ ساكلارنىڭ ئاغزىدا دۇرۇت...
خىشلاردىن، كوزىلاردىن توروكلاپ ھەرپ
يېزىقسىز بىر كىتاب بولدى تەۋەللۇت.
ئېقىنغا ئۆزگەردى كىتاب دەم ئۆتۈپ،
ئەركەك بېلىقتەك ئاڭا شۇڭغۇدۇم،
ئىزىمنىڭ ئىزىنى شۇئان تونۇدۇم.
ئۈزۈكچىلىك جان ئۈزدى شۇدەم،
ئۇلاندى زەنجىرلەر زەنجىرلەرگە ھەم،
سەددىچىن
سۇ قوۋۇقتىن① قاشقوۋۇققا② ئۇلانغاندەك.
يۈتكەنكەن ئەقىلگە گۇۋاھ يېزىقلار،
يىراقلارغا جۆنىگەن كارۋان
كېچىدە قاراقچىغا بۇلانغادەك...
«پۇر-پۇر» قىلىپ ئالدىمدا شۇئان
توزۇدى ناتونۇش ئىرانىڭ تېمى
بورانلىق دالادىكى بىر دۆۋە كۈلدەك،
بىر چىگىش كۆڭلۈمدە كۈلدى بىر گۈلدەك...

مەن تارىخقا يۆلىنىپ
تارىخ ماڭا بۆلىنىپ
خانتەڭرىدە تۇرۇپ يانمۇ-يان
كۆزەتكۈچ چىراغدەك ھەريان ئايلىنىپ
سۈكۈتلەرگە خاقان سايلىنىپ
كرورانغا باقتۇق بىر ھازا.
كەتمىش ۋە كەلمىش
ئارىسىدا ئىككىمىزنىڭ
ھېساب-كىتاب قىلىشتى ئۇزاق
يۈزسىزلىكتە تۇنجى رەت تازا.
ئۆتتى ئالدىمىزدىن شۈمشىيپ بىر-بىر
كەتمىشنى شورلاتقان بالايۇ قازا.
كەينىدىن كېلەتتى قارا كۆرۈنەر
ئادەملەر ئۆز ئېتىزلىقىدا
ئۆزلىرى چوڭۇتقان جاراھەت، جازا...

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر