باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئالبوم

كۆككە تۇتاشقان بوغدا

2014.08.14 14:02   مەنبە: خەلق تورى

كۆككە تۇتاشقان بوغدا

  ئەسلى ماۋزۇسى: تۇنجى قار ياققان چاغدىكى بوغدا كۆلى

  قۇربان مۇھەممەد

  ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بولغىنىدەك، مېنىڭمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنجى قار ياغقاندا يىل بويى ئاپپاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسى باغرىدىكى گۈزەل بوغدا كۆلى مەزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.

  2009-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قار 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ياغدى. مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پېشقەدەم فوتوگراف ئابلىز ئابدۇللا ئاكىدىن بىر كۈن بۇرۇن كەچ تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفون سەۋەبچى بولدى. ئابلىزكامنىڭ پىلانلىشى بىلەن دېھقان فوتوگراف تۇنىياز زەلىلىي ئۈچەيلەن تۈن قاراڭغۇسىدا ئۇچرىشىپ ، قىزىلتاغدىن ساي يولىغا چۈشۈپ، بوغدا كۆلىنى نىشانلاپ شىمال تامان يۈرۈپ كەتتۇق. روھىمىز شۇنداق جۇشقۇن، كەيپىمىز چاغ ئىدى. تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تاغ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ بىرىنچى توساققا يېتىپ كەلدۇق. قوغداش خادىملىرى تۈنۈگۈن تۇنجى قارنىڭ خېلى قېلىن چۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن تاغ يوللىرىنىڭ ناھايىتى تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىگىنى، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئاخىرقى 8 كىلومېتىر كېلىدىغان چوققىغا ئۆرلەيدىغان تاغ يولىغا بۇ ماشىنا بىلەن داۋاملىق ئۆرلەپ مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 100 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ، غېرىچ يول قالغاندا، بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئېلىۋالغان نەرسىلىرىم بىراز كۆپ بولۇپ، ئىككى فوتو ئپاراتىدىن باشقا يەنە تېلېكامېرامۇ بار ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك ؟ بىراز تالاشقاندىن كېيىن ئىجادىيەتتىن بىخەتەرلىك ئۈستىن بولغاچقا نائىلاج ئارقىمىزغا قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق.

  پىلانلىرىم مانا مۇشۇنداق سۇغا چىلىشىپ، كۆڭۈلدە ئارمانلار قالغان ئىدى. ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئويلىغىنىمدا، بۇنداق مەغلۇبىيەتكە تەن بەرگىنىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. چۇنكى مەن 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن ئاددىغىنە ماشىنامنى يالغۇز ھەيدەپ، تۆت قېتىملىق ئۇزۇن سەپەردە، جەنۇپ، شىمال ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ھەر خىل ئويلاپ باقمىغان مۇشكىلاتلارنى يېڭىپ، تۇنجى قەدەمدە شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىشتىن ئىبارەت دەسلەپكى تەسەۋۋۇرۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدىم. يەنە بىر تۇنجى قارنى ساقلاشقا ئەلۋەتتە بىر يىل ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاش فوتوگرافلار ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك پسىخىك پەزىلەت. بەزىلەر بىر پارچە كۆڭۇلدىكىدەك سۈرەت تارتىش ئۈچۈن بىرنەچچە سائەت ساقلىغان بولسا، بەزىلەر نەچچە كۈن ھەتتا نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  بىر يىل يەنە شۇنداق خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى. 2010-يىل 11-ئاي يېتىپ كەلگەنن بولسىمۇ ھاۋانىڭ سوۋۇشىدىن ئەسەر كۆرۈنمەيتتى. مەن نىيىتىمدىن يانمىغان ئىدىم. پات-پات ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دېققەت قىلىپ تۇراتتىم. ئاخىرى ھاۋارايىدىن خۇش خەۋەر كەلدى. لېكىن قار دېگەن كۈندىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ياغدى. ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، 5-كۈنى چىقىشنى پىلانلىغان بولساممۇ، ئەمما شەرقنى ــــ ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. دېمەك ئۈرۈمچىدە قار توختىغان بىلەن تاغ تەرەپنىڭ ئەھۋالى نامەلۇم ئىدى. تالاي سۈرۈشتۈرۇش ئارقىلىق ئاخىرى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئالاقە قىلدىم. دېمەك تاغدا تېخى قار توختىماي يېغىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە تەبىئەتنىڭ مىجەزىگە قاراپ ساقلاشقا توغرا كەلدى. چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى سۈزۈلۇشكە باشلىدى. بىراق يەنىلا ھاۋا تۇراقسىز ئىدى. بۇ بىر كۈنۈم مۇشۇنداق ھاۋا رايىنى كۆزىتىش بىلەن ئۆتۇپ كەتتى. كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا ئارام ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم . چوڭ ئوغلۇم «دادا، ئاسمان شۇنداق سۈزۈك ئېچىلىپ كېتىپتۇ، يۇلتۇزلارنىمۇ شۇنداق ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن، بالكونغا چىقىپ قاراپ باقە» دېدى . دەرھال چىقىپ قارىسام دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن. ئۈرۈمچىدە بۇنداق ھاۋا ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. سائەتنى توغرىلاپ قويغان بولساممۇ، كېچىدە ئىككى قېتىم ئويغىنىپ كەتتىم. ئاخىرى سائەت ئۈچ بولغاندا ، ھەممە ئادەم شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان تۈن قاراڭغۇسىدا، مېنى نۇرغۇن جايلارغا تىنچ-ئامان يەتكۈزگەن ئاشۇ ئاددىي ماشىنامنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم. شەھەر ئىچىدىن چىققۇچە يول چىراقلىرى خۇددى مارجاندەك چاقناپ تۇراتتى. شەھەر سىرتىدىكى يوللاردا چىراق يوق ئىدى. مىچۈەندىن ئۆتكەندىكى كېيىنكى تاغ باغرىدىكى ئەگرى–بۈگرى يوللاردا گەرچە چىراق يېقىپ ماڭغان بولساممۇ، سەل قورقۇنچلۇق تۇيۇلپ ئادەمنى سۈر باساتتى . ماشىنا تولا ماڭغاچقىمۇ يول قۇرۇقتەك كۆرۇنسىمۇ، بۇنداق يېڭى قار ياغقاندا يوللار تېيىلغاق بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا بەك تېز سۈرئەتتە مېڭىشمۇ خەتەرلىك ئىدى. بىر داۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۆۋەنگە قاراپ ماڭغاندا، ئالدىمدىكى يول يورۇقتەك كۆرۈندى. يېقىن كەلگەندە ماشىنىنىڭ ئىككى تەرىپگە چاچراپ چىققان سۇ يىغىلىپ قالغان يول بۆلىگى ئىكەنلىگىنى بىلدىم. رولنى تەمكىن تۇتتۇم. ماشىنا خۇددى دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ماڭغان كاتىردەك ئۈزۈپ چىقىپ كەتتى. شەرق تەرەپكە قايرىلىپ، فۇكاڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، رەتلىك ئورنىتىلغان يول چىراقلىرى بۇ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنى بەئەينى كېچە بولمايدىغاندەك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. شەھەردىن چىقىپ يەنە قاراڭغۇلۇقتا مېڭىشقا توغرا كەلدى. بوغدا كۆلىگە قايرىلىش يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ماشىنىنى سەل ئاستىلاتتىم. بۇ يول ئۇدۇل كېتىۋەرسە جىمسار، گۇچۇڭ، مورىدىن ئۆتۈپ قۇمۇلغا تۇتىشاتتى. مەن يول كۆرسەتكۈچ تاختىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جەنۇبقا 90 گرادۇس بۇرۇلۇپ، تاغ ئىچىگە يول ئالدىم. يولدا بارغانسېرى داۋان كۆپەيگىلى تۇردى. تۇنجى كىرىش بېلىتى ساتىغان توساققا يېتىپ كەلدىم. دىژورنى خادىملار تېخى ئۇيقۇدا بولۇپ، پەس ئاۋازدا چاقىرغاندىن كېيىن بىرەيلەن چىقتى. بۇ يەردىكى خادىم ئاخىرقى سەككىز كىلومېتىرلىق تىك تاغ يولىغا ماشىنا چىقىشقا بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. بۇ يەردىن تاغ ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس قاتنايدىغان مىنىبۇسلىرى بولۇپ، ئىشقا چۈشۈش ۋاختى توشقاندا ئاندىن ماڭىدىكەن. ئەسلىي پىلانىم قۇياش كۆتۈرۈلىشتىن بۇرۇن بوغدا كۆلىگە چىقىش ئىدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ « ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك ئىش بولغىلى تۇردى. بۇنداق ئويلىمىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئەمدى يەنە ئىككىلىنىپ قالسام ۋاقتتىن ئۇتتۇرۇپ قويۇشۇم تۇرغان گەپ. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەدەت بېرىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلەتتىم. ئاخىرى پىيادە چىقىشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككى سومكىنى ۋە ئۈچ پۇتلۇق جازىنى ئېلىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي قول چىراغنى يورۇتۇپ، تاغقا قاراپ يول ئالدىم. ئۇدا ئىككى كۈن ياغقان قارنىڭ سوغۇقى تاغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى خېلى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، قۇرغاق ئاچچىق شامال ۋىژىلدايتتى. گەرچە ئۇچامدا قىشلىق كىيىم بولسىمۇ، تاغ باغرىدا تەتۈر سوقۇۋاتقان شامالدا ھېچ دالدا بولغاندەك ئەمەس ئىدى. نەپەس ئېلىشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايتتى. بۇ ئىلان باغرى يوللار چوڭ ئايلانمىلىق “S” شەكىللىك يول بولۇپ، تەخمىنەن يولنىڭ ئۈچتىن بىرى تۈگىگەندە زېمىن خېلى يورۇدى. تاغ باغرىدىكى كىچىك بوغدا كۆلىگە يېتىپ چىققاندا، ھېرىپ بىرئاز تۇرۇۋالدىم. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا قۇياشنىڭ چىقىشىدىن بۇرۇن يېتىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. يولمۇ تېيىلغاق بولۇپ، ئۈچ پۇتلۇق جازىنى ھاسا قىلىۋالغان ئىدىم. مېڭىش سۈرئىتىم ئاستىلاپ، يول بارغانسېرى ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئىككى سومكاممۇ ئېغىرلاپ، مۈرەمنى بېسىپ «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دىگەندەك ئىش بولۇۋاتاتتى. ئېسىۋالغان نەرسىلەرنى بىر نەچچە قېتىم يەرگە قويۇپ بوشۇنۇپ دەم ئېلىشقا توغرا كەلدى. ئۇسساپ كېتىپ ئېلىۋالغان مىنېرال سۈيۈمنى ئىچكۈدەك بولسام خۇددى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندەك مۇزلاپ كېتىپتۇ. ئەسلىلا توڭلاۋاتقان ئادەم سۇنى ئىچىپ تىترەپ كەتتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئالدىمدىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا قۇياش نۇرى چۈشۈپتۇ. دېمىم سىقىلغاندەك بولۇپ، پاقالچىقىمنىڭ پېيى بىرنەچچە قېتىم تارتىشىپ قېلىپ، بۇلجۇڭ گۆشلىرىم قېتىپ قالغاندا، ئالقانلىرىم بىلەن ئۇۋىلىغاندىن كېيىن قويۇپ بېرەتتى. ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يول قالغانلىقىنى يولنىڭ بويىغا ئورنىتىلغان تاش ئابىدىدىن بىلدىم. مەنزىلىمگە ئاز قالغان ئىدىم. تەققەززالىق شۇنچە كۇچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئاخىرى قويۇق قارىغايلىق يولدىن يورۇقلۇققا چىققتىم. ئالدىمدا ماشىنا يولىدىن بۆلەك جايلارغا تېخى ئاياق ئىزىمۇ تەگمىگەن بولۇپ، بۇ يەرلەر خۇددى مامۇقتەك ئاپپاق قارلار بىلەن قاپلانغان، تۆت ئەتراپ ھەيۋەتلىك تەڭرى تاغنىڭ ئاقباش چوققىلىرى بىلەن ئورالغان، ئوتتۇرىسىدا بولسا چوڭ كۆل خۇددى ئاق ئالتۇن ئۈزۇككە قويغان قېنىق كۆك ياقۇتتەك جىلۋىلىنىپ تۇراتتى .

  بوغدا كۆلى شەرقىي تەڭرى تاغدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بوغدا چوققىسىنىڭ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۇزىدىن 1910 مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 4.90 كۋادرات كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 1500 مېتىر، كۆل ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 105 مېتىر كېلىدۇ. ھازىر بوغدا كۆلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق مەنزىرىگاھقا ئايلاندى. بۇ كۆل ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان ئەڭ چوڭ كۆل ھەم تەبىئىي مۇھىتى قوغدىلىدىغان رايون ئىدى. قىش پەسلى ئۇزۇن بولۇپ، كېلەر يىل 5-ئايدىن كېيىن قار مۇزلار ئېرىشكە باشلايدۇ. 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقۇرى ℃15 ئەتراپىدا بولۇپ، تومۇز ئىسسىقتا ئەڭ ياخشى سالقىندايدىغان جاي. ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى تاكى كۈزگىچە ئۇزۇلمەيدۇ. ھازىر قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىمۇ يولغا قويۇلدى. باھار، ياز، كۈزلۈك مەنزىرلىرى بوغدا كۆلىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ئىدى. مانا بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى قىشلىق مەنزىرە بولۇپ، قارىغاي شاخلىرىنىڭ ئۈستى ئاق، ئاستى يېشىل بولۇپ ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۇرۇپ، «تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش» دېگەن ناخشا تېكىسنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.

  كەسپىي ئادىتىم بويىچە ئەتراپنى تەپسىلىي كۈزىتىپ، دەسلەپكى سۈرەتنى كۆلنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تۆپىلىككە چىقىپ تارتتىم. ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىدىن قۇياشنىڭ نۇرى شۇنچە كۈچلۈك چاقناپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەنمۇ كۆلنىڭ غەرب تەرىپىگە سۈرىلىشكە باشلىدىم . خىزمەتچىلەر ئىشقا چۇشۈدىغان چاغ بولدى بولغاي، ئادەملەر كۆپىيىشكە باشلىدى. مەن غەرب تەرەپتىكى تاغقا قاراپ يول ئالدىم . چۇنكى بۇ نۇقتىدىن كۆل قارىغاندا، قۇياشنىڭ نۇرى يانتۇ چۇشەتتى. قىيپاش چۇشكەن نۇردىن سۈرەتنىڭ قاتلاملىرىنى ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ھارغىنىمنى ئۇنتۇغان ھالدا سۈرەت تارتىشقا كىرىشىپ كېتىپتىمەن. ئاخىرىدا شىمال تەرەپتىكى پەسكە قاراپ ئاققان شارقىراتمىنى بويلاپ سۈرەتككە تارتتىم. بۇ يەردىكى مەنزىرە يەنە ئۆزگىچە سىرلىق تۈس ئالغان ئىدى. يېڭىلا ياغقان قارنىڭ ئاستىدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قارلار تاشلار ئۈستىگە كىيدۈرۈلگەن ئاق بۆككە ئوخىشايتتى. يۇقىرىدىن شاقىراپ ئاققان سۇ، مانانسىمان ھور پەيدا قىلىپ تېخىمۇ سىرلىق مەنزىرە زاھىر بولاتتى. مەن جىلغىدا بولغاچقا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەندەك بىلىندى . تاغ چوققىلىرىغا نەزەر سالسام قۇياش ئولتۇراي دەپ قاپتۇ. نەرسىلىرىمنى ئوبدان يىغىشتۇرۇپ تۆۋەنگە قاراپ يول ئالدىم. تاغ باغرىدىكى ماشىنامنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا، قۇياش ئاللاقاچان ئولتۇرۇپ زېمىن تۈن قوينىغا شۇڭغۇغان ئىدى...

  2010-يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى!

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …