ئۇيغۇر دوپپىسى- ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر. ئۇ كۆركەملىكى، ئەپلىكلىكى، مىللىي جەلىبكارلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتىمىزدە ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەر ساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، دوپپا كەيگەنلەر كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كاتتا بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر. دۇنياغا تونۇلۇشتا نۇرغۇن يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەر بار بولۇپ، ئەڭ ياخشى تونۇلۇش باشقىلاردا يوق بولغان ئۆزگىچە خاسلىق ئارقىلىق تونۇلۇش!!
كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ خاسلىق بىلەن تونۇلۇشتەك ئارزۇسى روياپقا چىقالمىغان ئەھۋالدا بىزنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل مىراسىمىز ئارقىلىق تونۇلۇپ كىملىكىمىزنى كۆرسىتىشتىن ئارتۇق خوشاللىق ئىش بولسۇنمۇ؟؟