باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

20 - ئەسىر ئۇيغۇر شېئىيىتى ھەققىدە ئەركىن پاراڭلار

نادامەت ۋە دىيانەت پەسلى(1)

ئەزىزى

2014.04.25 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21 - ئەسىرنىڭ ئۇلۇغۋار نازاكىتى قۇچاق ئېچىپ باغرىغا چىللاپ تۇرغان خاسىيەتلىك مۇشۇ چاغلاردا 20 - ئەسىرنىڭ تەشۋىش ۋە ئىزتىراپلىرى، بۇرچ ۋە ئەقىدىلىرى ھامان مېنى خىياللار قاينىمىغا باشلايدۇ. مەن ئەنە شۇ خىياللار ئىلكىدە ئۆزۈم بىلەن مۇڭدىشىمەن، ئۆزۈمگە خاس تۇيغۇدا پىكىر يۈرگۈزىمەن.

  ئويلايمەنكى، پىكىر يۈرگۈزۈش ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر خىل چۈشەنچىنىڭ بىشارىتى. ئۇ بىر شەخسنىڭ ئۆزى مەنسۇپلۇقىدىكى ماكان ۋە زامانغا بولغان تونۇشىنى چىقىش قىلىدۇ. ئەمما، بۇ تونۇش شۇ شەخسنىڭ سوبيېكتىپ كۆزقارىشى تەرىپىدىن بەلگىنىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش - قىلىنماسلىقى شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ خالىس ئەقلى مىزانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

  1

  ئۇيغۇر شېئىرىيىتى يەنە بىر ئەسىرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ بىر ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نىسبەتەن غايەت زور يېڭىلىقلارغا باي، مۇرەككەپ، ئۆزىگە خاس بىر جەريان بولدى.تارىختىن، جۈملىدىن شېئىرىيەت تارىخىدىن ئايانكى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شېئىرىيەتتە ئارۇز ۋەزنى ۋە ئارۇز ۋەزىنى ئاساس قىلغان شېئىرىي شەكىللەر 1000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى. 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مەۋجۇت بولغان بارماق ۋەزنى ئاساسىدىكى شېئىرىي شەكىللەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت بولدى.

  ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ جەزبىدار پەللىسىنى نامايان قىلغان ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرىيەت 19 - ئەسىر بىلەن 20 - ئەسىر كېسىشكەن خاسىيەتلىك نۇقتىدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار سەلتەنىتىنى بەرپا قىلغان مەۋلانە ھۈسەيىنخان تەجەللى (1850 – 1930) ھەزرەتلىرىنىڭ ھېكمەت ۋە پاساھەت بابىدا غايەت زور بالاغەت ھاسىل قىلغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەنتەنىسىنى قىيامىغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىسمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا بارماق ۋەزنى ئاساسىدىكى شېئىرىي شەكىللەرگە يۈزلەندى. ۋەزىن جەھەتتىكى بۇ خىل يۈزلىنىشنى 20 - ئەسىرنىڭ تاللىشى دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى، بارماق ۋەزنى ئاساسىدىكى ئەركىن شېئىرىي قۇرۇلما 20 - ئەسىرنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىجتىمائىي رىتىمىگە ۋە كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان، چوڭقۇرلىشىۋاتقان تەپەككۇر ئەندىزىسىگە، كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك تۇيغۇ جەھەتتىكى يېڭىچە ئىنتىلىشلىرىگە ئاسانلا ئۇيغۇن كېلەتتى.

  20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. چۈنكى 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا ھەرخىل گېزىت، ژۇرناللار ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىغاندىن سىرت بىر قىسىم ئەدەبىي كىتابلارمۇ نەشر قىلىندى. بۇ ھال ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنى، جۈمىدىن شائىرلىرىنى ياخشى پۇرسەت ۋە تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر شاىرلىرى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقا قېرىنداش مىللەتلەر شېئىرىيىتى ۋە ئىلغار رۇس شېئىرىيىتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ بەزى شېئىرىي ئامىللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت يولىدا ئۆرنەك قىلىپ پايدىلاندى. بولۇپمۇ شېئىرى شەكىل جەھەتتە، بارماق ۋەزنىدىكى شېئىرلار بىلەن بىر قاتاردا چاچما (ئەركىن) شەكىلدىكى شېئىرلاردىمۇ ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئۆمەر مۇھەممىدى، ھېزىم ئىسكەندەروۋ، ئىسمائىل ساتتاروۋ، نۇر ئىسرايىلوۋ قاتارلىقلار ئەنە شۇ جەڭگىۋار ئېقىمنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يول باشچىلىرى ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، 19 - ئەسىر رۇس شېئىرىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلغۇچى پۇشكىن، لېرمونتوۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ، جۈملىدىن 20 - ئەسىر ياۋروپا شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى بولغان ماياكوۋېسكىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دەسلەكى قەدەمدە 20 - ئەسىر دۇنيا شېئىرىيىتى پەللىسىگە يېقىنلاشتۇردى.

  ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بۇ خىل جەڭگىۋار ھالەت ئۇزۇن داۋاملىشالمىدى. 30 - يىللاردىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن بەزى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر شېئىرىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا سۈنئىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. شېئىرىيەت بىر تەرەپلىمە مەقسەتلەر تەرىپىدىن سۈيئىستېمال قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەمىمىي ھېس - تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۆزلۈك خاراكتېرىدىن يىراقلىشىپ، قۇرۇق شوئارۋازلىقنىڭ، قۇللۇق خاراكتېرىنى ئالغان مەدھىيەۋازلىقنىڭ ۋە ئۆزىگە خاس مىلىي قاتلامدىن ئايرىلغان ساختىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.

  2

  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئانچە گەۋدىلىك بولمىدى. گەرچە شېئىرىيەت بازىرىدا شائىرلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك كۆلەم ھاسىل قىلىنمىدى. پەقەت 30 - يىللارغا كەلگەندىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئاستانىلىرىدىن بىرى بولغان ئىدىقۇت دىيارىدىن بىر سادا كەلدى:

  كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار...

  بۇ، قەدىمكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر روھىنىڭ جەڭگىۋار ئەنئەنىسى بىلەن 30 - يىللاردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھېس - تۇيغۇسىنى ۋىجدانىي نۇقتىدىن تونۇپ يېتىپ ئۇنى شېئىردىن ئىبارەت يۈكسەك سەنئەت پەللىسىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدى.

  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر دەۋرنىڭ شائىرى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان خەلقنىڭ شۇ بىر دەۋردىكى روھى ئىزتىراپلىرى بىلەن ئىجتىمائىي قىسمەتلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، يالقۇنلۇق شېئىرى سادا پەيدا قىلدى. مشھۇر فىرانسوز يازغۇچىسى ۋە پەيلاسوپى ئالبىرت كامۇس (1913 – 1960) «سەنئەت بىزگە قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەمەس، بەلكى قانداق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرىشى لازىم.» دېگەن ئىكەن. دەرۋەقە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىردىن ئىبارەت تىل سەنئىتى ئارقىلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىن مەھرۇم بولغان نادانلىق ۋە قالاقىققا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىنىشقا (مەسىلەن: «ئويغان» شېئىرى)، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا (مەسىلەن، «يېقىن بولدى» شېئىرى)، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشكە (مەسىلەن، «باردۇر» شېئىرى) چاقىردى. ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە دېگۈدەك مىللەتنىڭ غەم - قايغۇسى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ھېس - تۇيغۇلار، يالقۇنلۇق خىتاپلار يارقىن شېئىرىي تىل، جەڭگىۋار شېئىرىي رىتىم، ئۆزگىچە شېئىرىي ئوبراز قۇرۇلمىسىدا چاقناپ تۇرىدۇ.

  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنى شائىرلىق قىسمىتىدىن، شائىرلىق بۇرچىنى سەمىمىي ئېتىقاتتىن، ئېتىقاتتىكى بۇرچىنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئىزدىگەن شائىر ئىدى. شۇڭا، ئۇ خەلقنى ئويغىنىشقا، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىپلا قالماستىن ئۆزى مۇشۇ كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدا ماڭدى. چۈنكى ئۇ ئۆز غايىسىنى ئۆز خەلقىنىڭ غايىسىدىن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. بۇ نۇقتىدىن ئۇنى شۇ دەۋردىكى ھىندىستانلىق تاگور، چىلىلىق پابلو نېروداغا تەققاسلاشقا بولاتتى. ھىندىستانلىقلار تاگورنى «ھىندىستاننىڭ ۋىجدانى» دېسە، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقى پابلو نېرودانى «لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ۋىجدانى» دەپ قارايدۇ. ئەگەر ۋىجدانى نۇقتىدىن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى» دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.

  3

  40 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بىر تۈركۈم يېڭى كۈچلەر كىرىپ كەلدى. ئۇلار بىرقەدەر مۇنتىزىم ئىجادىي كۈچ بولۇپ، ئۇيۇشۇپ 20 - ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تۇنجى قېتىم مەلۇم كۆلەمگە ئىگە قىلدى. نەتىجىدە 20 - ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ھۇل ھازىرلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەھمەت زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇلھەي روزى، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇلار بارماق ۋەزنىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە شېئىرىي شەكىلنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە بەزى ئەھمىيەتلىك سىناقلارنى ئېلىپ باردى. شېئىرىي تىل جەھەتتە ساددا، جانلىق خەلق تىلىنى ئاساسىي مەنبە قىلدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىدىيىۋىيلىك ئاساسى تۇتقا قىلىنغاچقا شېئىرى چوڭقۇرلۇق بارا - بارا ئاجىزلاپ يۈزەكى، سۈنئىي توقۇلمىلار، خەلقنىڭ ھېس - تۇيغۇسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان قاپىيىلىك چاكىنا سۆز تىزمىلىرى كۆپىيىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن شېئىر ئۆزىدىن يىراقلىشىپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بىر قېتىملىق غايەت زور مەنىۋى بۆھران – «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلاندى. ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئاپەت خاراكتېرلىق بۇ ھادىسە 20 - ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە تولۇقلاپ بولمايدىغان دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسەتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر