باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىر ئىچىدىكى سىر(1)

سىرلىق كەچمىشلەر

2014.04.25 11:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زاماننىڭ سىرىنى بىلمەس ھېچ ئادەم،

  بۇ تۈگۈن يىشىلمەس سەندە،مەندە ھەم.

  پەردىنىڭ ئىچىدە تۇرار بارچە سىر،

  بۇ پەردە ئېچىلسا،تۇرمايمىز بىردەم.

  1998 – يىلىنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ئامىرىكىنىڭ «تىتانىك» ناملىق فىلىمى كىنوخانىلاردا قۇيۇلۇپ،ئاجايىپ زور قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى.بۇ فىلىمنىڭ بىلەت باھاسىنىڭ ئاجايىپ يۇقۇرى بولۇشىغا قارىماي،ئۇنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى ھەقىقەتەن كۆپ بولغان،ھەتتە بەزىلەر بىر نەچچە قېتىملاپ كۆرگەنلىكىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى.مەتبۇئاتلاردىمۇ «تىتانىك» ناملىق پاراخۇتنىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىشى ۋە بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلەپ ماقالىلار يېزىلغان ئىدى.چەتئەلدە ئىشلەنگەن فىلىملارنىڭ ئېلىمىزدە،شۇ جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق داغدۇغا پەيدا قىلىشى بەلكىم ھىندىستاندا ئىشلەنگەن «سەرگەردان» فىلىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق پەللە بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.فىلىمغا كىرىشتۈرۈلگەن لەرزان، مۇڭلۇق ناخشا خېلى يىللارغىچە ئەتراپتا ياڭراپ تۇردى.قىسقىسى پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا بۇ فىلىمنىڭ بىلىتىنى سېتىشتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ بىر مىليارت سەككىز يۈز مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يىتىشى فىلىمنىڭ نەقەدەر كەڭ دائىرىدە تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

  ئەينى چاغدا مەنمۇ ئەل قاتارى بۇ فىلىمنى كۆرگەن ۋە چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمگەن،فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خېلى چاغلارغىچە مېنىڭ ئەشۇ شىرىن ھەم ئېچىنىشلىق ھېس – تۇيغۇلىرىممۇ «تىتانىك» پاراخۇتى بىلەن دېڭىز تەكتىگە چۈكۈپ كەتكەندەك گاراڭ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدىم.راستىنى ئېيتسام فىلىمدىكى ناخشا ھېلىمۇ قۇلۇقىمغا بلەكچە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.مەبلەغ سالغۇچى ۋە رىجىسسورنىڭ پالاكەت باسقان «تىتانىك» پاراخۇدى ھەققىدىكى بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەخسىدى نىمە بولغىيدى؟ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بۇ دەھشەتلىك پاجىئەنى قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ئىسىگە سېلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى فىلىمدىكى ئىككى ياشنىڭ تەسىرلىك ھىكايىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھەببەت قارىشىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈنمۇ؟ ۋە ياكى ئەنە شۇنداق زور بىر ھادىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ،كىشىلەرنىڭ ھىسسىيات جەھەتتىكى مايىللىقىنى چىقىش قىلىپ،شۇنچە كۆپ مەبلەغ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي،يەنىمۇ كۆپلەپ ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟

  «تىتانىك» ناملىق فىلىم قۇيۇلۇپ، ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتكەن،فىلىم ھەققىدىكى ھاياجانلار ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان بۈگۈنكى كۈندە يۇقارقى سۇئاللار ھەققىدە ئويلۇنۇش بەلكىم ئەخمىقانىلىقتۇر.ئېقىللىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە رىجىسسور بەلكىم بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقاندۇر.قەدىرلىك ئوقۇرمەن،خۇددى توي تارقىغاندىن كېيىن ناغرا چالغانغا ئوخشاش ئەمدىلىكتە بۇ تېما ھەققىدە سۆز ئېچىشىم تولىمۇ بىمەنىلىكتەك تۇيۇلار.شۇنداقتىمۇ بۇ يازمىلىرىمغا سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر تاشلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  1

  ئۆمرۈڭدىن بىر نەپەس بولسا،ئەي ئىنسان،

  قولۇڭدىن كەتكۈزمە،بولماي شادىمان.

  ئۆمۈر ئۇ ئۆزۈڭنىڭ مەيلىگە باغلىق،

  ھۇشيار بول،شۇنداقتۇر ئەسلىدە جاھان.

  بەزىدە تاسادىپ دۇچ كېلىپ قالغان كىچىككىنە ئۇچۇرلار خېلى مۇھىم نەرسىلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىكەن.بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلار،بۇ ئالەم سەۋەپنىڭ ئالىمى دىيىشىدىغاندۇر. ھاياتىمىزدا بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن سەۋەپلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدىكەنمىز. ھەر كۈنىمىز دىگۈدەك سەۋەپ،نەتىجىلەر قۇرشاۋىدا ئۆتىدىكەن.ئەمما بۇرلاردىن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى،بىزنىڭ ئەھمىيەت بىرىدىغىنىمىز يوقنىڭ ئورنىدا بولىدىكەن.نەتىجىدە نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالىدىكەنمىز.

  2006 – يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا ئۆزبېكىستانلىق بىر بۇرادىرىم ئۈرۈمچىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۇ مېنىڭ كىتاپ، ماتىرىياللارغا ئامراقلىقىمنى بىلگەچكە قىممەتلىك سوۋغا سۈپۈتىدە بىر تۈركۈم كىتاپ،ژورناللارنى ئالغاچ كەپتۇ.قارىسام ئارىسىدا ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان «جاھان ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ بىر نەچچە سانىمۇ بار ئىكەن. ئەسلىدە ژورنالنىڭ

  يىللىق - سانىغا مېنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىم بىرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىتەن ئالغاچ كەلگەن ئىكەن. مەن قۇلۇمدا ئالدىراش بەزى ئىشلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ژورنالدىكى قىسقىراق ئەسەرلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىپ قويۇپ قويدۇم .ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن قۇلۇم سەل بۇشىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ژورنالنى تەپسىلى ۋاراقلىدىم.دىققىتىمنى ئەسلى لىۋانلىق بولغان،فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنت» ناملىق رۇمانى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.بولۇپمۇ رۇماننىڭ بېشىدىكى« ‹تىتانىك›ناملىق غايەت زور پاراخۇتنىڭ 1912 – يىلى 14 – ئاپرىلدىن 15 – ئاپرىلغا ئۈتەر كېچىسىدىكى ھالاكىتى،دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك قول يازمىلارنىڭ بىرى بولغان،بۈيۈك پارىس ئالىمى ۋە شائىرى ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىمۇ دېڭىز تەكتىگە ئېلىپ كەتتى.» دىگەن جۈملىلەر بىردىنلا مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.بىر نەچچە يىللار بۇرۇن قايسى بىر ماتىرىيالدىن ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىنىڭ «تىتانىك» پاراخۇتى بىلەن دېڭىز تىگىگە چۈكۈپ كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قىسقىلا،مۇجمەل بىر ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىم غۇۋا ئىسىمدە ئىدى.ھەر قانچە ئىزلەپمۇ شۇ ماتىرىيالنى قايتا تاپالمىدىم. قارىغاندا بۇ گەپ راست ئوخشايدۇ،دىگەن ئوي بىلەن رۇماننى ئوقۇشقا باشلىدىم.مەن كىتاپنى،كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.ھاياتىمنى كىتاپسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.ياخشى كىتاپلارغا ئېرىشكەن ۋاختىمدا ئاجايىپ سۈيۈنۈپ كېتىمەن.ئىمكانىيىتىمنىڭ يىتىشىچە كىتاپ يىغىمەن.كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزەمگە مەدەت،تەسەللى ئىزدەيمەن. ھەر بىر ئادەم ھاياتىنى ئىمكان قەدەر ھۇزۇر – ھالاۋەت،ئازادىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلىدۇ ۋە تەشنا بۇلىدۇ.ئەمما رىئاللىق ئادەمنى كۆپ ھاللاردا غەم – تەشۋىش،دىلخەستىلىك،بىئاراملىق قوينىدا سىناشقا مايىل.شۇنداق ئىكەن بىزنىڭ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلماي ئىلاجىمىز يوق.كىشىلەرنىڭ ئەنە شۇنداق شەپقەتسىز رىئاللىققا يۈزلىنىشى ئۆزى ئۈنۈملىك دەپ ھىساپلىغان ھەر خىل نوختىلارنى چىقىش قىلغان بولىدۇ.مەن رىئاللىققا كىتاپ ئارقىلىق،كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق يۈزلىنىشكە ئادەتلەنگەنمەن.مەيلى خۇشال بۇلاي،مەيلى ئازاپلىناي كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز تۇيغۇلىرىمغا ئورتاقلىشىمەن.بەزى كىتاپلارنى قايتا – قايتا ئوقۇيمەن.بەزى كىتاپلارنى قانماي تۇرۇپ ئوقۇيمەن،بەزى كىتاپلارنى زورۇقۇپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن.قىسقىسى ئىمكانىيەت يار بەرسىلا ھەر كۈنى دىگۈدەك كىتاپ ئوقۇيمەن.«سەمەرقەنت» رۇمانىنى ھۇزۇرلۇنۇپ تۇرۇپ،قانماي تۇرۇپ،ھەتتا كىچە – كىچىلەپ ئوقۇپ تۈگەتتىم.مېنى بەكرەك ئويغا سالغىنى ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىنىڭ «تىتانىك» پاراخۇتى بىلەن دېڭىزغا چۈكۈپ كېتىشى بولدى.دۇنيادىكى ئاجايىپ مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ دۇنيادىكى يەنە بىر مۆجىزە ھېساپلانغان «تىتانىك» پاراخۇتى بىلەن باغلىنىپ غايىپ بولۇشى ئاجايىپ توغرا كىلىپ قېلىش ئەمەسمۇ؟

  رۇماندىكى بۇنداق ئاجايىپ تەقدىرنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم.رۇماننىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ،خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەكەلدۈردۈم.ئەمما خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن رۇماننىڭ تەرجىمىسى خېلىلا سوزۇلۇپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ مىللەتلەر نەشىرياتىدىكى بۇ ئىشتىن خەۋەردار دوستۇمنىڭ داۋاملىق سۈيلەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ ئىش ئاخىرلىشىپ،رۇمان 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  رۇمان تارقىتىلغاندىن كېيىن،ئوقۇغان دوستلۇرۇم ئەسەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياققانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى.ئەسەرنى ئوقۇغانلار ئورتاق ھالدا ئەسەر تارىخىي رۇمانمۇ ياكى توقۇلمىمۇ؟ ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرىنىڭ «تىتانىك» پاراخۇتى بىلەن دېڭىزغا غەرىق بولۇشى قانداق گەپ؟بۇ ئاپتۇرنىڭ قەستەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ قانداق؟ دىگەن سۇئاللارنى سۇراشتى.نەتىجىدە كەمىنە مۇشۇ سۇئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا نەزىرىڭىزگە ھاۋالە قىلىنىۋاتقان ئۇشبۇ يازمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.

  2

  پەلەككە تەڭرىدەك بولسام ھۆكۈمران،

  قىلاتتىم پەلەكنى چېقىپ مەن گۇمران.

  يېڭىدىن شۇنداق بىر دۇنيا تۈزەتتىم،

  ياخشىلار تىلەككە يىتەتتى شۇئان.

  ئۆمەر ھەييام كىم؟رۇبائى دىگەن نىمە؟ئۇ قانداقلارچە ياۋرۇپالىقلارنى ھەيران قالدۇرغان؟

  دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا نامى ئالەمگە پۇر كەتكەن،زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەسەرلىرىنىڭ شۆھرىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرى كۆپ ئەمەس.مەلۇم رايۇن،مەلۇم تىل سېستىمىسىدىكى كىشىلەرگە ياققان نەرسە باشقا بىر رايۇن،باشقا بىر تىل سېستىمىسىدىكى كىشىلەرگە ياقماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈنكى كىشىلەرگە ياققان نەرسە،ئەتىكى كىشىلەرگە ياقماسلىقى مۇمكىن.ئەمما ئۆمەر ھەييام بۇنىڭدىن مۇستەسنا.ئۇنى دۇنيا بىلىدۇ.ئۇنىڭ رۇبائىلىرىنى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر سۈيۈپ ئوقۇيدۇ ۋە ئوقۇپ كەلمەكتە.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەبەدىي سولمايدىغان قىزىل گۈلدەك جەلىپكار رۇبائىلىرى بىلەن پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى دۇنياۋىي شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدى.بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پارىسلارغا ياكى شەرىققە ئەمەس،دۇنياغا مەنسۇپ شائىر ھېساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ رۇبائىلىرى پارىسلارنىڭ قەلب ساداسى سۈپۈتىدە دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە يېيىلماقتا. ئۇنىڭ ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان رۇبائىلىرى ئۆزلىكسىز نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر