باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇتاشتۇرۇپ دىللارنى دىلغا(1)

ئەزىزى

2014.04.25 10:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  – نەۋايى ۋاپاتىنىڭ 500 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  نادامەت ئىلكىدە شۇنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرمىزكى، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئاخىرلاشقان 20 - ئەسىردىمۇ ئۆزىنىڭ سېستىمىلىق ئەدەبىيات تارىخىنى روياپقا چىقىرالمىغانلاردىن پەقەت بىز ئۇيغۇرلارلا قالغان بولساق كېرەك. دېمەك، بىز باشقىلارغا نىسبەتەن يەنە بىر تۈردە (بۇنداق تۈرلەر خېلىلا كۆپ، ئەلۋەتتە) يېڭى ئەسىرگە نېسىگە كىرىپ كەلدۇق. بۇ ھال بىزنى ئەجدادلار ئالدىدا قەرزدارلىق، ئەۋلادلار ئالدىدا خىجالەتچىلىك ئازابىنى تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

  ئەدەبىيات تارىخى – بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئۆلچەشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر مىللەتنىڭ تىل خاسلىقى، تەپەككۇر دائىرىسى ۋە پەلسەپىۋى قاتلىمى شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك بەدىئىي كامالىتى ئارقىلىق ئەدەبىياتتا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات تارىخىنى تۇرغۇزۇش نوقۇل ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  1

  شەپقەتسىز ئۇرۇش ۋەھىمىسى بىلەن تولغان موڭغۇل ئىمېرىيەسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە پارس تىلى مۇھىتىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. چۈنكى بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى ئۆزلىرىدىن ئالدىنقى دەۋرلەردە شەرق ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان نىزامى گەنجىۋى (1203 – 1141)، سەئدى شىرازى (11841292– 1184)، فەرىدىدىن ئەتتار (1193 – 1119)، جالالىددىن رۇمى (1273 – 1207)، ئەمىر خىسراۋ دىھلەۋى (1325 – 1254)، ھاپىز شىرازى (1389 – 1300) قاتارلىق پارس تىلىدا ئەسەر يازغان ئەدىبلەرنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغان. بۇ خىل ۋارىسلىق قىلىش تىلدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن پارس تىللىق ئەدىبلەردىن باشقا تۈركىي تىللىق ئەدىبلەرمۇ ئىجادىيەتتە پارس تىلىنى ئاساس قىلغان.

  موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئىمپېرىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بارلىق تېررىتورىيەلەر چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى تەرىپىدىن سۇيۇرغال تەرىقىسىدە بۇلىۋېلىندى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، تارىم ۋادىسى، ماۋارەئۇننەھىر رايونى قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋادىلار چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەۋە بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەت چاغاتاينىڭ نامى بىلەن تارىختا چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالدى. بۇ خانلىققا تەۋە رايونلار ئىلگىرى ئاساسىي جەھەتتىن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايونلار بولغانلىقتىن، يەرلىك ئاھالىلەر قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى تۈركىي تىلىنى ئاساس قىلاتتى.

  شۇڭا چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە يېزىق جەھەتتە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تىلدا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى تۈركىي تىلى تىكلىنىشكە باشلىدى. كېيىن بۇ تىل چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالدى.

  دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نىڭ ئاپتورى رەبغۇزى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى قاتارلىقلار چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى. تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى. تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى شۈبھىسىزكى «ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئىران ئەدىبلىرىنىڭ كەسمىتىشى ۋە مازاق قىلىشىغا قارشى تۈرك مىللىتى ۋەكىللىرىنى چىن قەلبىدىن قوغداش ئارقىلىق ھايات ۋاقتىدىمۇ، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ۋەتەنداشلىرىنىڭ بۈيۈك ھۆرمىتىگە سازاۋەر»① بولغان گىگانىت سىما - مەۋلانە نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىغا مەنسۇپ.

  2

  ئەلىشىر نەۋايى ئۆز دەۋرىدە ساپ ئىنسانىي ئەمەلىيىتى ۋە بىباھا ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۆز شەنىگە ھەيكەل تىكلىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋى خەزىنىسىنى نۇرلاندۇرغۇچى ھىدايەت ئەنگۈشتىرىگە ئايلاندى. نەۋايى ۋاپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قوليازما ھالەتتە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا ئەللىرىگىمۇ تارقالدى. 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا دۇنيادىكى 89 دۆلەتتە، جۈملىدىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىران، تۈركىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ نۇرغۇن نادىر قول يازمىلىرى ساقلىنىدىكەن. نەۋايى ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب، پارس، ئەرمەن، گىرۇزىن، ئافغان، فىرانسۇز، ئىتالىيان، نېمىس، گوللاند، رۇس، بلورۇس، لىتۋا، ئىنگلىز، ۋېنگىر قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.20 - ئەسىرگە كەلگەندە نەۋايى ئەسەرلىرىنى قېزىش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنياۋى مىقياسىغا يۈزلەندى. بۇ يەردە مەن نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزىرىگە ھاۋالە قىلساق ئارتۇقچىلىق قىلماس دەپ قارايمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر