باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شائىرنىڭ قىرىق بىر يۈرىكى(1)

-شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «قىرىق بىر يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا بېغىشلىما

2014.04.24 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنسان قاچان پەيدا بولغان؟ شېئىرچۇ؟

  بۇ سۇئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ۋە بۇ ھەقتىكى بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۇزۇن زامانلار بولدى.ئەلۋەتتە ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن شېئىرنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ پىرىنسىپاللىق ئاساسى بولۇشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ ئىنسان بىلەن شېئىرنى بىر بىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەت. ئادەم، تەبىئەت،گۈزەللىك، ھاياجان،ئىزتىراپ ۋە مۇشۇلارغا تۇتۇشۇپ كېلىدىغان روھى مۇناسىۋەتلەر زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ھالقىلىرى كۆپ ھاللاردا قۇيۇق شېئىرىي تۇيغۇ،مەلۇم ئەقلىي بىشارەت ۋە ئۆزگىچە رىتىمغا ئىگە نىدالار بىلەن يەكۈنلىنىدۇ.بۇلار شېئىرغا خاس ئالامەتلەر ئەمەسمۇ؟

  تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى،بەلكىم ئەڭ دەسلەپكى شېئىرلار يېزىق ئىختىرا بولۇشتىن بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.ئادەم ئاتىنىڭ ھاۋا ئانىغا تۇنجى پىچىرلاشلىرى بەلكىم ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببەت لىرىكىلىرىدۇر.شۇ سەۋەپتىن ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن شېئىرنىڭ پەيدا بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ئانچە چوڭ بولمىسا كېرەك.چۈنكى ئىنسان، ئىنسانغا خاس ئالەمشۇمۇل تۇيغۇلارنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدىغان مۇقەددەس روھتىن ئاپىرىدە بولغان.بۇ روھ يۈرەككە مۇجەسسەملەشكەن. شېئىرنىڭمۇ مەنبىيى يۈرەككە تۇتىشىدۇ. بىز شېئىرغا جۆر بولۇپ،ھاياتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس تىلسىملىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا،كۆز ئالدىمىزدا خۇددى قەدىمكى ئەپسانىلاردىكىدەك يارقىن ۋە مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ساماۋىي بىر دۇنيانىڭ جىلۋىسىنى بايقايمىز.بۇ شائىرنىڭ دۇنياسى،شېئىر دۇنياسى.

  1

  بۇنىڭدىن 33 يىل مۇقەددەم،يەنى 1980-يىلىنىڭ يامغۇرلۇق كۈز پەسلىنىڭ بىرىدە،ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئالىي مەرىپەت مەسكەنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قەدەم باستىم. مەن بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدىم.بۇ مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىدى.

  مەن قۇبۇل قىلىنغان سىنىپقا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل مىللەتلىرىگە تەۋە 44 نەپەر ئوقۇغۇچى توپلانغان ئىدى. مېنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېدىكى بەش يىللىق ھاياتىم ھەر جەھەتتىن ئۇنتۇلماس مەنالارغا ئىگە بولدى.مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئائىلەمدىن ئايرىلىپ، ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان ئەزىم شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن تونۇشتۇم.مەن بۇ يەردە ئۆزەم قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ئەدەبىياتنىڭ نەزىريەۋىي ئاساسلىرى بىلەن تونۇشتۇم.مەن بۇ يەردە دەرىسخانىنىڭلا ئەمەس ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنىڭمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ تۇنجى شېئىرىمنى يازدىم. مەن بۇ يەردە ھاياتىمدا ئۇنتۇلماس دوستلارغا ئېرىشتىم...

  سىنىپىمىزدا ئاقسۇنىڭ كەلپىن دىيارىدىن كەلگەن، چىرايىمۇ،قىزىقىشىمۇ ماڭا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بىر ساۋاقدىشىمىز بولۇپ، بىز ئاسانلا چىقىشىپ قىزغىن،سەمىيمى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.مانا بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قەدىرلىك، سىرداش، دىلداش دوستۇم،ئۆزىنىڭ سەمىيمى،قايناق ھىسسىياتقا تويۇنغان،پىكرى يارقىن، جەلىپكار شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە چۈشكەن شائىر ۋاھىتجان ئوسمان ئىدى.

  2

  ۋاھىتجاننىڭ ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان شېئىرلىرىنىڭ گۇۋاھچىسىمۇ،تۇنجى ئوقۇرمىنىمۇ مەن ئىدىم.بىز كۆپ ھاللاردا ئەدەبىيات ھەققىدە،شېئىر ھەققىدە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىشاتتۇق.يازغان مەشىقلىرىمىزنى ئۆز-ئارا ئوقۇشۇپ، ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، ئۆزىمىزگە خاس نەزەر بىلەن تەھرىرلىشەتتۇق. شېئىردىن ئىبارەت سىرلىق ئىشىقنىڭ پىراقىدا تەڭ كۆيۈشۈپ،تەڭ بوزلىشاتتۇق.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر