2014-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن ›› نىڭ ئاخبارات مەركىزى 26-فېۋرال رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى .
12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 2– يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5-مارت ۋە 3-مارت بېيجىڭدا باشلىنىدۇ .
‹‹ ئىككى يىغىن ›› ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ شوۋچېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل ، ئالاقە تورى مۇلازىمەت ئورنى 1-قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا قولايلىق يارىتىلغان .