ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش ھەققىدە:
ئۆزۈمنىڭ ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارىم بار دەپ ئويلايمەن، باشقىلارمۇ مەندەك بولالايدۇ. چوڭ بولغانچە، بارلىق پۇرسەتلەرنى قەدىرلەشنىڭ مۇھىملىقىنى شۇنچە ھېس قىلىپ يەتمەكتىمەن، بەلكىم مەغلۇب بولۇشۇم مۇمكىن، بەلكىم باشقىلارغا ياخشى تەسىر بەرمەسلىكىممۇ مۇمكىن، ئەمما سىناپ باقمىغاندا، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيمىز.
ئەڭ ياخشى سىرداش دوستى تايلور سىۋىفىت ھەققىدە
تايلور ئىككىمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەرقى شۇكى، ئۇ 16 ياش ۋاقتىدىلا 25 ياشقا كىرگەنلەردەك پىشىپ كەتكەنىدى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 80 ياشلىق مومايلاردەك پىششىپ-يېتىلگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قېرى مىجەز، ئاقساقال. مەن بولسا 18، 19 ياشقا كىرىپ قالغىچە ئاتا-ئانامنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشىغا تايىنىپ ياشىدىم، ھەتتا 21 ياشقا كىرگەندىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇراتتىم. تايلورنىڭ پىششىپ يېتىلىش دەرىجىسى ۋە مۇستەقىللىق قارىشى ماڭا زور ئىلھام بولدى، ئەمما مەن ئۆزۈم تاللىغان يولۇمنى ئۆزگەرتمەيمەن، چۈنكى مەن تاللىغان يول مېنى يېتىلدۈرىدۇ.