چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۈنىمىزدا خېلىلا داڭق قازانغان كىچىك خانىش سېلىنا يېقىندا «ياش-ئۆسمۈرلەر مودىسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 12-ئايلىق ۋە 2014-يىللىق 1-ئايلىق سانى ئۈچۈن مۇقاۋا سۈرىتىگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە 21 ياشلىق سېلىنا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى:
ياخشى قىز بولۇش ھەققىدە:
مەن ئىزچىل ياخشى قىز بولۇشقا تىرىشماقتىمەن، ئەمما مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىدىم. ئىزچىل يىگىتلەر مېنى باشلاپ ياتاق ئېچىشقا ئېلىپ بارىدىغان قىز ئەمەس بەلكى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا ئۇچراشتۇرالىغۇدەك قىز بولۇشنى ئويلايمەن.