باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش ئايرىم ئۆلكىلەردىلا قېپقالدى، ئەمدى ئۇ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدۇ

2013.11.18 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش تۈزۈمى تارىخ سەھنىسىدىن پەيدىنپەي چېكىنىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بۇ يىل يەنە بىر قىسىم ئۆلكىلەر ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزدى، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش ئايرىم ئۆلكىلەردىلا قېپقالدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: 3-ئومۇمىي يىغىندا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋالدا، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان تۆت تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رامكىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.

  ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئاساسەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىشى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت تۈت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىشى بىلەن شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات جەھەتتە بىرقەدەر چوڭ پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، خەلق ئاممىسى ئىككىسىنى «بىرىكتۈرۈش» ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.

  1998-يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا، گوۋۇيۈەن «شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ، جۈملىدىن دۆلەت كارخانىلىرى، ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا قاراپ ماڭدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، سەنشى، جىلىن، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، گۇاڭشى، سىچۈەن ۋە شىنجاڭ قاتارلىق 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە مەمۇرلارنىڭ ھەممىسى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر