«ۋيېتناملىق كېلىنلەر، 30 مىڭ يۈەنگە خالىغىنىڭنى تاللىۋال!» يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، مۇنداق بىر مىكروبلوگ باشقىلار تەرىپىدىن توختىماي تارقىتىلىشقا باشلىدى. مىكروبلوگدا جېجياڭ يۈياۋدا «چەتئەللىك كېلىنلەرنى كوللىكتىپ ساتىدىغان» ئورۇن بولۇپ، پەقەت 30 مىڭ يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان چىرايلىق ۋيېتناملىق قىزلارنى ئالالايسىز. دۇنيادا ئاياللارنىڭ ئورنى تۆۋەن، ئاياللارنى خورلاپ ئېلىپ ساتىدىغان دۆلەتلەر، ۋيېتناملا ئەمەس.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىن جۆرە تاپالمىغان كۆپلىگەن ئەرلەر نەزىرىنى ۋيېتنام، بىرما، ھىندىنۇزىيە قاتارلىق جايلارغا ئاغدۇردى.
نۇرغۇن ئەرلەر چەتئەللىك ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ساداقەتمەن ۋە مۇلايىملىم كېلىدىغان، يەرلىكتىكى قىزلاردەك تەكەببۇر ۋە بايلىق مەرتىۋە قوغلاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئۇلارنى ئەمرىگە ئېلىشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق كۆرگەن.