باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل ياخشى ئاچايلى

2017.01.10 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل بېشىدا، 2016-يىللىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تەرتىپلىك ئېچىلىۋاتىدۇ.

  «جۇڭنەنخەي باشتىن-ئاخىر خەلقنى ئويلاپ، خەلقنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك»، «ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا قاتتىق بويسۇنۇشى كېرەك»، «راستچىل بولۇش، ئەمەلىي ئىشلەش پارتىيەۋىلىكنى سىناش ۋە تاۋلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى»، «تەنقىدلەش ۋە ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىنى تۆۋەن دەرىجىلىكلەرگە ئىشلىتىپلا قالماستىن، تەڭ دەرىجىلىكلەر بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە ئىشلىتىش كېرەك»...... مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ياخشى باشلامچى بولدى.

  دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ـــ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم شەكلى. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ـــ پارتىيەنىڭ ئىتتىپاق، بىردەكلىكى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئوخشىمىغان تېمىنى چۆرىدەپ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نۇرغۇن ياخشى سىياسىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر