باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش پىتنە-ئىغۋالارغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر قورال، دېدى

2017.01.10 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يەن جياڭيىڭ 9- يانۋار مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى پىتنە-ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قوغداپلا قالماي، تېخىمۇ بەكرەك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنى زور دەرىجىدە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  «ئەبنۇس بىلەن قېتىقنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «تۈپتۈز تەرخەمەككە دورا پۈركۈلگەن... ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت تور پىتنە-ئىغۋالىرى مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردە نەچچە ھەسسە كۆپتۈرۈلۈپ ھەمدە كۆپ قېتىم چەكلەنسىمۇ تۈگىمەي، تور بوشلۇقىدىكى بىر چوڭ «شاۋقۇن» بولۇپ قالدى ھەم پۇقرالارنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە قارىتا ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. يەن جياڭيىڭ بۇ ھەقتە شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېمەكلىك ۋە دورا تۈرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ۋە تاقابىل تۇرۇش سالونىدا: «يېمەكلىك ۋە دورا ھەققىدىكى پىتنە- ئىغۋالارغا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، ئىلىم-پەن ۋە قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، پىتنە- ئېغۋالارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر