- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىمى 3 تىرىللىيون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى
2017.01.10 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ 9-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى، مەملىكەت ئىچىدىكى ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مۇقىم ئاشقان بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مۇۋاپىق دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز ھالدا ماكرولۇق ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 4 مىليارد 440 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 3 تىرىللىيون 900 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر