- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كرىستيانو رونالدو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى نامىغا ئېرىشتى
2017.01.10 14:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-يانۋار سيۇرىختا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، پورتۇگالىيەلىك ئالدى ھۇجۇمچى كرىستيانو رونالدو (C رونالدو) رىقابەتچىسى مېسسى ۋە گرېزماننى يېڭىپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2016-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، دېگەن نامغا ئېرىشتى.
2016-يىلى 31 ياشلىق C رونالدوغا نىسبەتەن غايىۋى يىل دېيىشكە بولىدۇ. پورتۇگالىيەلىك بۇ پۇتبول چولپىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا يۇقىرى ھوسۇللۇق ھۇجۇمچىلىق خىسلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ قالماي، كوماندىنىڭ نۇرغۇن شان-شەرەپ مېدالىغا ئېرىشىشىشىگە ياردەم قىلدى. پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىداC رونالدو كوماندىنى يېتەكلەپ، بۇلتۇر ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش يازلىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، پورتۇگالىيە تارىخىدىكى تۇنجى كاتتا مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى؛ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدا 7-نومۇرلۇق كوماندا كىيىمىنى كېيىپ، كۇلۇب تارىخىدىكى 11- ياۋرۇپا چىمپىيونى مۇكاپات لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ، چېمپىيون بولدى.
دەل دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇبتىكى ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ، پورتۇگالىيەلىك ماھىر C رونالدو شۈبھىسىزلا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ، 2016-يىللىق پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالدى. مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدىدا C رونالدو: «بۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىلنى ئۇنتۇپ قالمايمەن»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر