باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا زور نەتىجىگە ئېرىشەيلى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى

2017.01.10 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا ياخشى نەتىجە يارىتايلى» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش-پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىزچىل تەلىپى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىلھامى ۋە تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىق، ئىجادىي، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇشنى ئالدىغا قويۇپ، قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرىلەپ، تەدبىرگە ماھىر بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئومۇمىي جەھەتتىن ھادىسىدىن تۈزەشتىن تۇتۇش قىلىندى، ماھىيەتتىن تۈزەش خىزمىتىمۇ بوشاپ قالمىدى، بەزىدە ماھىيەتتىن تۈزەش ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن تەڭ كەلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچ-ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىكنى جازالاشنى قەتئىي بوشىتىپ قويماي، چىرىكلىككە چىداپ تۇرماسلىق پوزىتسىيەسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر