باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ غەلبە ئۆچمەس ئابىدە

2016.08.02 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇن سەپەر جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچى دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىككى يىلدا تاماملىغان ئۇلۇغ ھەربىي يۈرۈشى. ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى؛ چەكسىز سادىق، ئىتىقادى مۇستەھكەم ئىنقلابىي قوشۇننى تاۋلىدى؛ يەنە كېلىپ مىللەت ئۈچۈن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەنىۋى بايلىق ئاتا قىلدى. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ سەكسەن يىللىقى پەيتىدە تارىخشۇناس مۇتەخەسىسلەر، قىزىل ئارمىيە پىشقەدەم جەڭچىلىرى ئۇزۇن سەپەرنىڭ چوڭقۇر مەنىۋى مەزمۇنىدىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يېڭى سەپەرگە يۈرۈش قىلىشتا كۈچنى مۇجەسسەملەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  1929-يىلى كاڭ فامىلىلىك قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى 16 ياشلىق ۋاڭ چىڭدىڭغا ئىقلابقا قاتناشقاندىلا ئۆزىنى ئازاد قىلغىلى، تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ ، دېگەن ئىدى. ۋاڭ چىڭدىڭ بۇ ئارزۇيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنقىلاب يولىغا قەدەم تاشلىدى. ھازىر 102 ياشقا كىرگەن ۋاڭ چىڭدىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى جاپالىق بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن سەپەر ھەربىي يۈرۈشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئىستېقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شىنشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە تەسۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. ئۇنىڭ غەلبىسى پۈتۈن دۇنيا ۋە جۇڭگوغا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىتىقادى ۋە يولىنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، جەزمەن ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  زۈنيى شەھىرى ئۇزۇن سەپەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شيەنروڭ مۇنداق دېدى: زۈنيى يىغىنىدىن كېيىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى پارتىيە تەشكىلاتى ، ھەربىي ئىشلاردا تولۇق گەۋدىلەندى. چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ماھىرلىق بىلەن ئۆتۈش قاتارلىق ئۇرۇشلاردا ئەگەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمەي ، جانلىق ھەرىكەت قىلمىغان بولسا،بۇنداق ھەربىي ئىشلار مۆجىزىسى يارتىلمىغان بولاتتى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئۇزۇن سەپەردە باشلىنىپ، پارتىيىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئاساسىي پىرىنسىپقا ئايلاندى.

  جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە تارىخىي ئىشخانىسى تەتقىقات 1-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ زوڭخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇزۇن سەپەرنىڭ بۈيۈكلىكى جۇڭگو ئىنقىلابىغا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىدە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن يەنە يورۇقلۇققا تەلپۈنۈش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش شۇنداقلا مىللەت ۋە دۆلەت زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىدە گەۋدىلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر