خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل، تۈركىيە سانلىيۇرفا ئۆلكىسىدە، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن مېھمانخانىغا يىغىلدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچى تەرەپ 22-چېسلا شەرقىي جەنۇبىي قىسمدىكى چېگرا رايون سانلىيۇرفا ئۆلكىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچىسىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قوراللىق تارماقدىكى خەلقنى قوغداش كۈچلىرى بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى