بۇ موماي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شۈندې يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان . بۇ پۇللارنىڭ سوممىسى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا ، بانكا بىر قەدەر ساق مۇكەممەل دەپ قارىغان 90 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى يېڭى پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن . 6-ئىيۇن ، خەلق بانكىسىنىڭ فۇشەن شەھەر مەركىزىدىكى تارمىقى ‹‹ مېيىپ پۇل ›› لارغا قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بارغان . شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا موماي يەنىلا 383 مىڭ 850 يۈەن پۇلىنى ‹‹قايتۇرۇۋېلىپ ›› ، تەخمىنەن 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا زىيان تارتقان .