پۇلى بار تۇرۇپ بانكىدا ساقلىماي ، ئۆيىدە ساقلايدىغانلار بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك . گۇاڭدوڭ فۇشەندە بىر موماي ئائىلىسىدىكىلەر بەرگەن 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇلنى سۇلىياۋ خالتىغا ئوراپ ئۆيىدىكى ياغاچ ئىشكاپكا سېلىپ قويغان ، كىم ئويلىغان دەيسىز ، يېرىم يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە موماي ئىشكاپتىن پۇلنى ئېلىپلا چۆچۈپ كەتكەن ، چۈنكى بۇ پۇللار ئاق چۈمۈلىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىپ كەتكەن .