يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا شەھىرىدىكى مەكتەپلەر «1-ئيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي-سەنئەت، ۋە قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى. ھەمدە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىدىن پىيۇنېرلىققا تەرەققىي قىلدۇردى.(ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى)