باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

2013.06.06 16:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
  4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى .

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى بەي خۇيشىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدىنقى كۈنى (6-ئىيۇن ) شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا يامغۇر ياغىدۇ ، 6-ئىيۇن كۈندۈزدىن 7-ئىيۇنغىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە 5 ~ 4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىنى ئالدىن كۆرۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ياخشى تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك ، دېدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە ، تارباغاتاينىڭ شىمالى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 24 ~ ℃ 29 بولىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 24 ~ ℃ 34 قىچە بولىدىكەن ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ، قومۇل ۋىلايىتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 27 ~ ℃ 36 قىچە بولىدىكەن . تۇرپان-پىچان ئويمانلىقىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 36 ~ ℃ 41 قىچە بولىدىكەن ، قەشقەر ، قىزىلسۇ ، خوتەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 35 ئەتراپىدا بولىدىكەن .

  ئۈرۈمچىدە ، 6-ئىيۇن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئۆتكۈنچ يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلىنىدىكەن ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى يۇقىرقى تاغ (نەنسەن) رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ ، تۆت بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن ؛ 7-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن ، جەنۇبىي شەھەر رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 30 ئەتراپىدا بولىدىكەن ، شىمالىي شەھەر رايونلىرى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 33 ئەتراپىدا بولىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە