مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېسسىنى تەبرىكلەيمىز!

2023.02.28 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  مېسسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2022-يىللىق ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  2022- يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 27-چېسلا پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنانىڭ ھۇجۇمچىسى مېسسى يەنە بىر قېتىم يىللىق ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولغان.

  مېسسى ئالدىنقى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا 2019-يىلى ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدا (2020-2021) بۇ مۇكاپاتقا پولشالىق توپچى لېۋاندوۋسكىي ئېرىشكەن. 2022-يىلى مېسسى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۈچتىنگىر لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاخىرى ئىككىنچى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

  ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ئۇلارنى بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا جەمئىي تۆت مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشتۈردى. مېسسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىدىن باشقا، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى سىكالونى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ترېنېر مۇكاپاتىغا، ئارگېنتىنانىڭ ۋاراتاسى مارتىنېس ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ۋاراتا مۇكاپاتىغا، ئارگېنتىنا توپ مەستانىلىرى كوللېكتىپ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ مەستانىلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  يىللىق ئەڭ ياخشى ئايال توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئىسپانىيە ھۇجۇمچىسى پۇتلىياس بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا ئىككى يىل بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى. ئىسپانىيە بارسېلونا ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان پۇتلىياس ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئاياللار ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا 2022-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولغان ئېنگلاند ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ۋىگمان يىللىق ئەڭ ياخشى ئايال تىرېنېر مۇكاپاتىغا، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى مارى ئېلپىس ئەڭ ياخشى ئايال ۋاراتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. پولشالىق مېيىپ پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ئولېكس يىللىق ئەڭ ياخشى توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ بۇلتۇر 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مېيىپلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر پۇتى بىلەن بوشلۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. گروزىيە توپچىسى لوچوشۋىلى يىللىق ئەڭ ياخشى ئادىل مۇسابىقە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە يارىلانغان توپچىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  بىرازىلىيەنىڭ مەرھۇم پۇتبول چولپىنى بېللى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاھىدە ئېتىراپ قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو بىلەن بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنى رونالدو بىرلىكتە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇكاپات تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ