2-ئاينىڭ 27-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئۈلۈشكۈن، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇمنىڭ جۇڭگو تەجرىبىخانىسىدىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي سەۋەبتىن تارقىلىپ كەتكەنلىك ئېھتىمالىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى ئىسپاتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ دەپ سورىدى.
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدى بىلەن مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىلمىي مەسىلە، سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر يۇقۇمنىڭ يەر شارىۋى ئىلىمىي مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، «تەجرىبىخانىدىن تارقىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس»، بۇ جۇڭگو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلىرى ۋۇخەندىكى ئالاقىدار تەجرىبىخانىلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ھەم ئالاقىدار پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا چىقارغان نوپۇزلۇق ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئالاقىدار تەرەپلەر تەجرىبىخانىدىن تارقالغان، دېگەن سەپسەتىلەرنى، جۇڭگوغا قارا چاپلاشنى، مەنبەنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ