خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا خەلقئارا فاكس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تىك ئۇچار شۇ كۈنى كىيېۋ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بروۋاريدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جېننىس موناستېرسكىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىموشېنكو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئايروپىلاننىڭ شۇ چاغدا ئالدىنقى سەپتىكى ئېتىشىش رايونىغا قاراپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بروۋاريدا چۈشۈپ كەتكەن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئۈچ بالا بار. خەۋەردە، كىيېۋ ئىشىتاتىنىڭ باش ھەربىي ئەمەلدارى ئالېكسې كۇلېبانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ يەنە 15 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 ئادەم يارىلاندى، دېيىلدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىگور كلېمېنكو شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق دېدى: تىك ئۇچار ئايروپىلاندا جەمئىي توققۇز ئادەم بار بولۇپ، ئايروپىلانغا بىللە ئولتۇرغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى يېفگېن يېنىڭ قاتارلىقلارمۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھازىر ئۇكرائىنادىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ