خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپال خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ شۇ كۈنى نېپالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوكارا رايونىدا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىن 15-كۈنى چۈشۈپ كەتكەن نېپال يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
نېپال خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جاگانات نىرۇللا مۇنداق دېدى: ئىزدەشكە قاتناشقان ھەربىي-ساقچىلار ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تاپتى، «بىز ناھايىتى تېزلا ئۇنى ئېلىپ كېلىمىز».
نىرۇللا مۇخبىرغا يەنە، قاراڭغۇدا ئۈزۈلۈپ قالغان قۇتقۇزۇش ھەركىتىنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، بىر قىسىم جەسەتلەرنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ غەۋۋاسلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
نېپال قاربوۋاي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى نېپالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوكارا رايونىدىكى سېتتى دەرياسى جىلغىسى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى. ھادىسىگە ئۇچرىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا جەمئىي 68 يولۇچى ۋە تۆت ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 چەت ئەللىك بار ئىدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان نەق مەيداندا 68 جەسەتنى بايقىدى، يەنە تۆت ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نېپال ھۆكۈمىتى بەش كىشىلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈردى ھەمدە 1-ئاينىڭ 16-كۈنىنى مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ