خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە دۆلەت تور بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋە ئەنگلىيە ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 2019-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى شەكىللەندۈرمەيدۇ، دەپ بېكىتىپ، خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرىنى ئەنگلىيەگە ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە ۋەكىللىرىگە بەش سائەت ھۆركىرىگەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ پاكىت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن «يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى»نى مەجبۇرلاشتىن باش تارتمايدۇ. ئۇ يەنە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»گە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنىڭ پەقەتلا جۇڭگونى بېسىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي نەيرەڭدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنداق ئىشنى ئامېرىكا ھەقىقەتەن ئاز قىلمىدى.
مەسىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئالاقىدار دۆلەت خەلقلىرىگە ئېنىقلا ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، ئەمما ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك سورۇنلاردا پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ تەشەببۇسقا بوھتان چاپلىدى، قارا چاپلىدى، يەنە ئاتالمىش «قەرز توزىقى» دېگەندەك سۆزلەرنى پەيدا قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ قارىشى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىچە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى.
يەنە مەسىلەن، ئېنىقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا «ئىرقىي يوقىتىش»، «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. دەل مەسىلىنىڭ نەدىلىكىنى ئېنىق كۆرگەنلىكتىن، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللانغاچقا، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.
مەيلى خەلقئارادا پىتنە-ئىغۋا تارقاتسۇن ياكى تېخنىكا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرسۇن، ئامېرىكا يولسىز تاكاللىشىپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ. لېكىن، قارا دېگەن قارا، ئاق دېگەن ئاق. ئاتالمىش «قەرز تۇزىقى» ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ھاقارەتلەپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىدىغان «سۆز قىلتىقى»؛ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قايتا-قايتا تارقىتىش، پۈتۈنلەي قارا چاپلاش، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش باھانىسى؛ ئاتالمىش «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» مەسىلىسى — ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پۇل مۇئامىلە زومىگەرلىكى ۋە تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نامى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىشتۇر. جۇڭگو ساختا ئۇچۇرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى، ئامېرىكا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى.
بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر پەقەت ئامېرىكىنىڭ تەسۋىرلىشى بىلەنلا دۇنيانى تونۇمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى، رەزىل قىلمىشى ۋە رەزىل نىيىتى جاھانغا تونۇلدى، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا، ئامېرىكا ئاق-قارىنى قانچە ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتسە، خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ سىياسىي نەيرەڭۋازلىقىنى، ئالدامچىلىقىنى، زومىگەرلىكىنى ۋە خەۋپىنى شۇنچە ئېنىق تونۇپ يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى