مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

2022.09.14 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 13-چېسلا، ئەزەربەيجان سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان شۇ كۈنى سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.


  ئەزەربەيجان Trend ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان شۇ كۈنى سائەت 9 دا ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشكەن، لېكىن ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى كېلىشىمگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان، كېيىن سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.


  ئەرمېنىيە تەرەپ بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.


  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى ۋە «ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-چېسلا كەچتىن 13-چېسلا سەھەرگىچە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى توقۇنۇش پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ