مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە زۇڭتۇڭى رۇسىيە ئاشلىقلىرىنىمۇ ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى

2022.09.09 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ كۈنى كرودىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئاشلىقنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە توشۇلىدىغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغان ھەم رۇسىيە ئاشلىقلىرىنىڭمۇ ئېكسپورت قىلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.


  ئەردوغان شۇ كۈنى كرودىيە پايتەختى زاگرېبدا كرودىيە زۇڭتۇڭى زوران مىلانوۋىچ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: پۇتىننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورتى توغرىسىدا قىلغان بايانلىرى «توغرا»، ئۇكرائىنا قارا دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان ئاشلىقلىرى «بەخىتسىز» نامرات دۆلەتلەرگە ئەمەس بەلكى باي دۆلەتلەرگە توشۇلدى. ئەردوغان يەنە مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان ئاشلىقلىرى رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرگە توشۇلدى، بۇ ئىش پۇتىننى خاتىرجەمسىزلەندۈردى، مەن كېلەر ھەپتە پۇتىن بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمەن.


  پۇتىن 7-چېسلا رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاشلىق كارىدورى» ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ بىر قەدەر نامرات دۆلەتلەرگە ھېچقانداق ياردىمى تەگمىدى، چۈنكى كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىندى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەلكىم ئەردوغان بىلەن بۇ لىنىيەنى چەكلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش زۆرۈردۇر.


  يېقىندىن بۇيان، تۈركىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە ئىزچىل مۇرەسسەچى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.7 -ئاينىڭ 22-كۈنى، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستامبۇلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قارا دېڭىز پورتىدىن سىرتقا توشۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


  رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بۇغداي ۋە كۆممىقوناق ئېكسپورتىدىكى چوڭ دۆلەتلەر. رۇسىيە ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سۇ تىرانسپورتى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كۆپ تۈرلۈك جازاسى رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەر شارى بازىرىغا كىرىشىدە قاتمۇقات قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ