مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى تەدبىر قوللاندى

2022.09.09 12:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى چەكلىشىگە قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيە بىلەن ۋىزا بېرىشنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا قارىتا، زاخاروۋا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2006-يىللىق رۇسىيە-ياۋروپا ۋىزىسىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا ئومۇميۈزلۈك توختىتىش قارارى ئاقىلانە ئەمەس، بۇ ئاشكارا كەمسىتىش بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. «ئاتالمىش رۇسىيە ساياھەتچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەيدىغان بىمەنە سۆزلىرىنىڭ كەينىدە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئالاھىدە ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىغا قارىتا كوللېكتىپ ‹جازالاش› بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلغانلىقتۇر.»

  زاخاروۋا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى رۇسىيە ۋە دۇنيادىكى باشقا رايونلاردىن ئايرىپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە شەخسىي مۇناسىۋەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ، ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھۆججىتىدە يېزىلغان ھەرىكەت ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا خىلاپ. «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا يەككە تەرەپلىك جازالاش تەدبىرلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر رۇسىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئامالسىز.»

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە ئۆزىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاھالىلىرىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ. ئەمما رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «دوستانە بولمىغان سىياسىتى»گە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى پات ئارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۇنىڭدىكى مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان ئىشلار قىلىنىدۇ.

  ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە پولشا تەرەپنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتىن باشلاپ، شېنگېن ۋىزىسى بار رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، زاخاروۋا مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چەكلەش تەدبىرلىرى بارلىق ئالاقىدار قانۇن ئاساسى ۋە رامكىسىغا خىلاپ، بۇ قارارنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. رۇسىيە تەرەپنىڭ قارىشىچە، ئالاقىدار ھەرىكەت رۇسىيەگە بولغان يەنە بىر قېتىملىق «دوستانە بولمىغان» ھەرىكەت، رۇسىيە بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ