خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت Ⅱ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى شوتلاندىيەنىڭ بالمورال قەلئەسىدە 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى، ۋەلىئەھدى چارلىز تەختكە ۋارىسلىق قىلدى.
بۇككىنخام ئوردىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: ئېلزابېت Ⅱ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بالمورال قەلئەسىدە ۋاپات بولدى، پادىشاھ بىلەن خانىش 9-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندونغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇككىنخام ئوردىسى شۇ كۈنى يېڭى پادىشاھنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئايال پادىشاھنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى «مەن ۋە ئائىلەمنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۈچۈن ئەڭ ئازابلىق پەيت بولدى... بىز چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر پادىشاھ ۋە ئانىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تراس شۇ كۈنى دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10-نومۇرلۇق باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئايال پادىشاھنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ «ھازىرقى ئەنگلىيەنىڭ ئۇل تېشى» دېدى.
بۇككىنخام ئوردىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەندە ئايال پادىشاھنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، داۋالاش-كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن تۇغقانلىرى دەرھال شوتلاندىيەگە باردى. شۇ كۈنى كەچتە، خان جەمەتى خىزمەتچىلىرى بۇككىنخام سارىيىنىڭ ئالدىدىكى رىشاتكىغا مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېسىپ قويدى، نۇرغۇن ئامما يامغۇرغا قارىماي بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى، يەنە نۇرغۇن كىشى ۋىندسور قەلئەسىنىڭ سىرتىدا گۈل تەقدىم قىلدى.
ئېلزابىت Ⅱ بۇلتۇر 4-ئايدا ئېرى شاھزادە فىلىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاشكارا پائالىيىتى كۆرۈنەرلىك ئازايغان، بۇلتۇر 10-ئايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆپ تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ يىل 2-ئايدا، ئۇنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. 6-ئاينىڭ بېشىدا، ئەنگلىيەدە بىر قاتار پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېلزابېت Ⅱ تەختكە چىققانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەنگەن، ئۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، نەچچە مەيدان ھۆكۈمەت تەرەپ پائالىيىتىگە قاتناشمىغان. مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېلزابېت Ⅱ بالمورال قەلئەسىدە تىراسنى يېڭى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. ئەتىسى خان جەمەتى ئايال پادىشاھنىڭ زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ بىر مەيدان توردا يىغىن ئېچىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئېلزابېت Ⅱ بۇ يىل 96 ياشتا بولۇپ، 1926-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، 1952-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئەنگلىيە تارىخىدىكى تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق پادىشاھ. ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە 10 كۈنلۈك مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى