ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى جەنۇبىي رايون فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى ئېلىن كاننون 9-ئاينىڭ 5-كۈنى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى سابىق زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ مارا-لاگو قورۇقىدا قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشكە بىر مۇستەقىل خادىم تەيىنلەشنى تەستىقلىدى.
كاننون سوتنىڭ بىر تۈرلۈك بۇيرۇقىدا مۇنداق دېدى: بۇ مۇستەقىل خادىم مارا-لاگو قورۇقىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملار، ھۆججەتلەر ھەمدە ئادۋوكات بىلەن خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئالاھىدە ھوقۇقى كېلىشىمنامىسى ياكى مەمۇرىي ئىمتىيازىغا چېتىلىدىغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
كاننون يەنە بۇ مۇستەقىل مەخسۇس خادىمنىڭ تەكشۈرۈشنى تاماملىغىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش مەقسىتىدە مارا-لاگو قورۇقىدىن قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ياكى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە تىرامپنىڭ ئادۋوكاتىدىن 9-چېسلادىن كېيىن قالماي مۇستەقىل مەخسۇس خادىم نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بىرلىشىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
8- ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى فلورىدا شىتاتىنىڭ پالما ساھىلىدىكى مارا-لاگو قورۇقىدا ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدى. يېقىندا پېچەتنى ئېچىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملار ئىچىدە 11 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ھۆججىتى ۋە سۈرىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەتتە مەخپىيەتلىك دەرىجە بەلگىسى باركەن، 54 پارچىسى «مەخپىي»، 31 پارچىسى «ئالاھىدە مەخپىي» ، 18 پارچىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلەركەن.
تىرامپ نامۇۋاپىق قىلمىش مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلىپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مارا-لاگو قورۇقىنى سىياسىي مەقسەتتە ئاختۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملار ئىچىدىكى بەزى ماتېرىياللارنىڭ ئادۋوكات ۋە خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىمتىيازى ۋە مەمۇرىي ئىمتىيازى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، مۇستەقىل ۋالىي تەيىنلەپ تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مۇستەقىل خادىمنىڭ ئارىلىشىشى تەكشۈرۈش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدۇ، دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرامپنىڭ مەمۇرىي ئىمتىيازنى تەشەببۇس قىلىش ھوقۇقى يوق، دەپ تەكىتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى