مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ ئاگاھلاندۇردى

2022.05.30 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كرېمىل سارىيىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولتىزغا ئۇكرائىناغا غەربنىڭ قوراللىرىنى كۆپلەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: مۇقىملىق شۇ سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.


  خەۋەر قىلىنىشىچە، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئۇكرائىناغا داۋاملىق زور مىقداردا غەرب قوراللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ، شۇ سەۋەبتىن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ يامانلىشىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، دېدى.


  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭتۇڭ مۇز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئايرىم تونۇشتۇردى، پۇتىن رۇسىيە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.


  خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇتىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. كرېمىل سارىيى ھەرىكەت نىشانىنىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غەرب دۆلەتلىرى دەرھال رۇسىيەگە قارىتا كۆپ تۈرلۈك جازالارنى يولغا قويغان، بۇ دۆلەت زايومى، بانكا كەسپى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ