ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ۋارشاۋادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشا بىلەن بۇلغارىيە ئەمەلدارلىرى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا پولشا بىلەن بۇلغارىيە رۇسىيە تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز ھەققىنى رۇبلى بىلەن تۆلەشنى رەت قىلغاچقا، رۇسىيە ئىككى دۆلەتنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: پولشا بىلەن بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتى پولشا بىلەن بۇلغارىيەگە شۇ جاي ۋاقتى 27-چېسلادىن باشلاپ ئىككى دۆلەتنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. پولشا بىلەن بۇلغارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئالدىنقى ئايدا «دوستانە بولمىغان» دۆلەت ۋە رايونلار رۇسىيە تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز ھەققىنى چوقۇم رۇبلى بىلەن تۆلىشى كېرەك، دوللار ۋە ياۋرو ئاقمايدۇ، دەپ ئېنىق بىلدۈرگەن. پولشا بىلەن بۇلغارىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش پۇتىن ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىنكى رۇسىيە تەرەپ تۇنجى قېتىم قوللانغان «گاز توختىتىش» تەدبىرى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ