مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ماكروننىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2022.04.27 10:53 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماكرونغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكلىشىمىز نەتىجىسىدە، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ھەر ئىككىسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە چوڭ دۆلەت. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. مەن باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىمەن، داۋاملىق زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە، «مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ