شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2022 - يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىنسانلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2022.04.24 09:01 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2022 - يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خەينەن بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە «قول تۇتۇشۇپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2022 - يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خەينەن بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە «قول تۇتۇشۇپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  ■ نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولۇپ، ئىنسانلار جەزمەن كەسكىن مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك خىرىسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنسانىيەت تارىخى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، قانچىكى قىيىنچىلىق مەزگىل بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك. ھەرقانداق مۈشكۈلات ۋە ئوڭۇشسىزلىق تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا، بىز ئىشەنچنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، ئىككىلىنىپ بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز، بەلكى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شىددەتلىك ئېقىندا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك

  ■ قويۇق تۇماندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ يورۇقلۇققا قاراپ مېڭىشتا، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىر ياقىدىن باش چىقىرىش. ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  ■ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، ئىقتىساد سىجىل، تېز ئېشىپ، «ئاسىيا مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ئاسىيا ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز ئاسىيانى داۋاملىق ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، ئاسىيانىڭ ئېلاستىكلىقى، ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق لەڭگىرى، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ھەمكارلىق يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك

  ■ كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، تۈمەن چاقىرىملىق يول بولسىمۇ قورقمايمىز؛ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى قىلساقلا، ھەرقانداق كۆپ ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن قورقمايمىز. بىز قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، بوشاشماي تىرىشساقلا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايمىز

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2022 - يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەينەن بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە «قول تۇتۇشۇپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولۇپ، ئىنسانلار جەزمەن كەسكىن مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك خىرىسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنسانىيەت تارىخى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، قانچىكى قىيىنچىلىق مەزگىل بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك. ھەرقانداق مۈشكۈلات ۋە ئوڭۇشسىزلىق تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا، بىز ئىشەنچنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، ئىككىلىنىپ بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز، بەلكى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شىددەتلىك ئېقىندا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قويۇق تۇماندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ يورۇقلۇققا قاراپ مېڭىشتا، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىر ياقىدىن باش چىقىرىش. ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس بىزگە شۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇقتۇرۇدىكى، ئىنسانلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرا يۆنىلىشىگە يۈزلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىشى، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  − بىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. ئىنسانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىشتا يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئاممىۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك خەلقئارا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ۋاكسىنىنىڭ پۈتۈن يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇش خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو 120 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 2 مىليارد 100 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى، داۋاملىق ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 600 مىليون ۋە 150 مىليون ۋاكسىنا ياردەم قىلىپ، «ئىممۇنىتېت ھاڭى»نى تولۇقلاش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  − بىز ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەبلىغى جۇغلاش، سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى سالماق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  − بىز دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى پەقەت دۇنيا تىنچلىق رامكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى پەقەت دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىشىشى پەقەت 21 - ئەسىر خەۋپسىزلىك خىرىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايدۇ، يەنى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق قوغداش؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يەككە تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇپ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان خەۋپسىزلىككە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىكنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشى، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ئاساسىدا قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش؛ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش، قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، كەلسە - كەلمەس يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىش ۋە «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇش؛ ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، رايون تالاش - تارتىشى ۋە تېررورىزم، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور بىخەتەرلىكى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت.

  − بىز يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش بولغان بىر چوڭ كېمىدە ئولتۇرۇپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، پارلاق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن جەزمەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك، ھەركىمنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىش غەرىزىدە بولۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇرەككەپ، نەپىس، ئورگانىك بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنىغا ئايلاندى، بىر زاپچاسنى چۇۋۇۋەتكەندە پۈتۈن ماشىنىنىڭ ئايلىنىشى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، زاپچاسلىرى چۇۋۇۋېتىلگەن كىشى زىيانغا ئۇچرايدۇ، زاپچاسلارنى چۇۋۇغان كىشىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداش كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ ئۈلگە بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ دۆلەت قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، ئىقتىساد سىجىل، تېز ئېشىپ، «ئاسىيا مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ئاسىيا ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز ئاسىيانى داۋاملىق ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، ئاسىيانىڭ ئېلاستىكلىقى، ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق لەڭگىرى، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ھەمكارلىق يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە «ۋەنلۇڭ روھى» تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاسىيا ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، رايوننىڭ قاتتىق تۇتاشتۇرۇلۇش، يۇمشاق تۇتاشتۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئاسىيانىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن چوڭ بازار شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيانىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون قۇرۇلمىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى سىغدۇرىدىغان رايون تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. دۆلەتلەرنىڭ چوڭ ياكى كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىدىن، رايون ئىچى ياكى رايون سىرتىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئاسىياغا شان - شەرەپ كەلتۈرۈشى، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ئورتاق مېڭىشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولىدۇ. دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن - ئاخىر قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، تۈمەن چاقىرىملىق يول بولسىمۇ قورقمايمىز؛ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى قىلساقلا، ھەرقانداق كۆپ ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن قورقمايمىز. بىز قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، بوشاشماي تىرىشساقلا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ