خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا ئەنگلىيە فرانسىس خولاند مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر شارى بىر چوڭ ئائىلە، ئىنسانىيەت بىر ئورتاق گەۋدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ئىنسانلار ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈپ كەلدى. مەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەپ تەكىتلەپ كەلدىم، بۇ ئىدىيە بۈگۈنكى جۇڭگودا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتىن تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، يېشىل تەرەققىياتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنە داۋاملىق تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، كۆلىمى ئەڭ كەڭ سۈنئىي ئورمان ۋە مەنزىرىسى گۈزەل دۆلەت باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. سىلەرنىڭ جۇڭگودىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەلبتە يىلتىز تارتقۇزۇپ، چوڭ بولغاندا ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل يۇرت-ماكانىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز.
فرانسىس خولاند مەكتىپى لوندوندىكى خەلقئارالاشقان قىزلار مەكتىپى بولۇپ، تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىت ئاسراش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قارالمىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. يېقىندا، بۇ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا كوللېكتىپ خەت ئەۋەتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ