مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭشىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى

شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى

2022.04.25 01:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنى نەننىڭدا ئېچىلدى، قۇرۇلتايدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن يولداش شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا سايلامغا قاتنىشىپ، تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلتاي رەسمىي سايلام ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ سايلامدا تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشى گۇاڭشىدىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، 150 مىڭدىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، گۇاڭشىدىكى 57 مىليون ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشتىكى يولباشچىغا يېقىندىن ئەگىشىپ كۆتۈرەڭگۈ روھ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتىكى ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «باش شۇجى باشتىن - ئاخىر گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ كەلدى. مەن كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن مۇقەددەس بىر بېلەتنى ياخشى تاشلىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە ئىپتىخارلاندىم. باش شۇجىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم، بۇ بىر مۇھىم تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.» گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىلى، لىڭيۈن ناھىيەسىنىڭ يۈخۇڭ يېزىسى جياڭگېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يا خەنۋېن مۇنداق دېدى: مەن داۋاملىق كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا كۈچ قوشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىلى، ليۇجوۋ پولات - تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى ئېرىتىپ تۇتاشتۇرۇش زاۋۇتى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي ليۇچەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسى مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسەتلەردىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى. «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىك چوقۇم كۈنلىرىنى تېخىمۇ شېرىن ئۆتكۈزىدۇ، تېخىمۇ ئۈمىدكە تولىدۇ. پەقەت يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئاقلىيالايمىز».

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. بۇلتۇر 4 - ئايدا، باش شۇجى گۇاڭشىدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا، گۇاڭشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى «تۆت گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى»نى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ، «تۆت يېڭى» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە تۆت جەھەتتىكى مۇھىم خىزمەتنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەيۋەتلىك، گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغانىدى. «يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك دەۋر ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتنى شانلىق قىرغاققا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ» دېدى ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  «باش شۇجى تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى، بۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇاڭشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىلى، نەننىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شۈ خۇا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆز خىزمىتىمنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادرونى مۇھاپىزەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ